شاھزادە

شاھزادە

شاھزادە

داڭلىق مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۈچىنچى يالغۇز كىشىلىك پىلاستىنكىسىنى چىقاردى. پۈتكۈل پىلاستىنكىدىكى 16 ناخشىنىڭ تېكىستى ۋە مۇزىكىسى ئاساسەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ماسلاشتۇرۇلغان، ئۇ يەنە يېقىملىق رېتىم بىلەن R&B ۋە Rap لەرنى ئۇيغۇر مەشرەپ ئۇسلۇبى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي چالغۇلارغا ھاياتىي كۈچ ۋە مودا تۇيغۇ بېرىدۇ. مودا مۇزىكا ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن بۈگۈنكى دۇنيادا، تېخىمۇ كۆپ مىللىي چالغۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاڭلىغۇچىلارغا يېىڭىچە زوق ئاتا قىلىدۇ.
تەپسىلاتى:
ئابلاجاننىڭ بۇ يېڭى پىلاستىنكىسى 2014-يىلى ئىشلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، يېقىندا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پىلاستىنكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلار ئاساس قىلىنىغان، CD پىلاستىنكىسى 16 ناخشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەممە ناخشىلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئابلاجان ئۆزى ئىجاد قىلىپ تاماملىغان بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ناخشا تېكىستىدە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، 12 ناخشىنىڭ ناخشا تېكىستىنى ئابلاجان ئۆزى تاماملىغان، باشقا ناخشىلارنى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك رېژىسسور، داڭلىق شائىر مۇختار بوغدا، كىچىك دوستلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، داڭلىق بالىلار ناخشىسى شائىرى ئابلىكېم ھەسەن، ئىجادىيەت تىپىدىكى ياش ناخشىچى شىرېنگۈل مەتسالى (يامغۇر ستۇدىيىسى) ۋە تەدرىجىي كۆپچىلىككە تونۇلۇۋاتقان ياش ھېسسىياتلىق شائىر ئىلھامجان مۇھەممەد (جۇنۇن Junun) قاتارلىقلار يازغان.
پىلاستىنكا ناخشىلىرىنىڭ ئاككوردلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىقى ئابلاجان ئۆزى تاماملىغان بولۇپ، باشقا زامان ستۇدىيىسىدىن مۇھەببەتجان مەمتىمىن، يامغۇر ستۇدىيىسىدىن ئەسئەت راخمان قاتارلىق بىر قانچە تالانتلىق مۇزىكانت ۋە ئىجادىيەتچىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. CD ئىشىلەش جەريانىنى مۇزىكانت، ئىجادىيەتچى، ناخشىچى ۋە زامان ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلان مەمتىمىن ۋە ياش ناخشىچى، ئىجادىيەتچى ۋە يامغۇر ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەسئەت راخمان تاماملىغان.
پىلاستىنكا MV ئىشلەشكە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىندى، DVD دېسكىسىدا بىر مىكرو فىلىم ۋە 11 MV ناخشىسى بار بولۇپ، مول مەزمۇن، نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرگە تولغان دەۋر ۋە كۆز قاماشتۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك ھەر خىل ئۇسلۇبلار بىلەن ئوخشىمىغان ئابلاجان ئوبرازلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. 
MV پىلاستىنكىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئىشلەشنى ھەزرىتىئەلى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئىزىتقۇ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى (H-media)، ئەسقەر ئەكبەر باشچىلىقىدىكى پېچىنە فوتو-سۈرەت ستۇدىيىسى، ئەليار ئابلا باشچىلىقىدىكى RA ستۇدىيىسى، شىنجاڭ قانال مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ستۇدىيە ۋە شىركەتلەر ئۈستىگە ئالدى.
بۇ پىلاستىنكىنى ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىش رەسمىيەتلىرىنى شىنجاڭ كۈيچى مەدەنىيەت تاقىتىش چەكلىك شىركىتى تەييارلىغان ۋە رەتلىگەن.
بازارغا سېلىنغان ۋاقتى: 2016
ئاۋاتلىقى: 1130

ناخشا تىزىملىكى

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى ئېلان قىلىنغان ۋاقىت ئاۋاتلىقى
بەڭباش بەڭباش يىل 2016 1092
ماڭا ياتلىق بول ماڭا ياتلىق بول يىل 2016 1113
مەلىمىزدە مەشرەپ بار مەلىمىزدە مەشرەپ بار يىل 2016 1576
سۆيۈملۈك مۇئەللىم سۆيۈملۈك مۇئەللىم يىل 2016 1616
مەپتۇن مەپتۇن يىل 2016 939
ئەسكى 2 ئەسكى 2 يىل 2016 866
بالىلىق چاغلار بالىلىق چاغلار يىل 2016 1301
كۈنلەمچى قىزچاق كۈنلەمچى قىزچاق يىل 2016 1244
بەگزادە بەگزادە يىل 2016 965
رەڭگارەڭ رەڭگارەڭ يىل 2016 989
ئىلىشىپ قالمىساملا ئىلىشىپ قالمىساملا يىل 2016 963
بۈگۈن 2 بۈگۈن 2 يىل 2016 1235
مەيلىمۇ مەيلىمۇ يىل 2016 919
مەپتۇن (رەپ نۇسخىسى) مەپتۇن (رەپ نۇسخىسى) يىل 2016 853