
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
سۆيگۈ ئىقرارى
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
374

سۆيگۈ ئىقرارى - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
1.كۇبلىت : مىنى داغلاردا قويۇپ كۈنلەر، بىر-بىرىدىن ئالدىراش ئۆتەر. ماڭا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەر، كەتتى يىراق شوخ ناۋا كۈيلەر. 1.ئۆتۈشمە : سورىسام سوئال قايدىن ئۈن كىلەر، قاچان كۆڭلۈڭ مىنى ياد ئىتەر. قاچان ماڭا سۆيگۈ ھۆر بىرەر، سورىما بولدى دەردىم يىتەر. قايتارما : كەزدىم جاھان شاھ ۋە گادايلار ئارا، لىكىن باغرىم يەنە بىئارام يارا. تاپالمىدىم دەرىتلىرىمگە بىر داۋا، ھەي دىلرەبا! يەتسە ئەگەر بۇ نىدالىرىم ساڭا، قۇلاق سال بىر ئىغىز سۆزۈم بار ساڭا. ئۆزۈم ئىقرار يوق ماڭا بۇ دۇنيادا، سىنىڭدىن باشقا، ئۆزگە رەنا. 2.كۇبلىت : يۈرۈگۇم ئۈنسىز سىنى سورار، ئىزدەر، دەردىمنى بىر ئىگەم بىلەر. كۆرگىنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلەر، نۇرى يوق داغ باسقان يۈزلەر. ئاراملىق يوق ماڭا كۈن ۋە تۈنلەر. ۋىسال مەندىن بەكمۇ بەك يىراق، سۆيگۈ ئوتى يانىدۇ بىراق. ئۆتەر ئۆمرۈم مەنىسىز شۇنداق، بولدى قىلما مۇھتاج مېنى بۇنداق. قايتارما : كەزدىم جاھان شاھ ۋە گادايلار ئارا، لىكىن باغرىم يەنە بىئارام يارا. تاپالمىدىم دەرىتلىرىمگە بىر داۋا، ھەي دىلرەبا! يەتسە ئەگەر بۇ نىدالىرىم ساڭا، قۇلاق سال بىر ئىغىز سۆزۈم بار ساڭا. ئۆزۈم ئىقرار يوق ماڭا بۇ دۇنيادا، سىنىڭدىن باشقا، ئۆزگە رەنا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...