
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئۇ مېنىڭ ئاتام
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
320

ئۇ مېنىڭ ئاتام - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
كۆڭلۈڭ كەڭرى دېڭىز دەي دىسەم، دېڭىز كىچىك ئۇنىڭ چىكى بار. ئىللىق باغرىڭ بىر گۈلخان دىسەم، مىھرىڭدەك ئۆچمەس گۈلخان نەدە بار. بەردىڭ سەن ئايىماستىن، تۈگىمەس مىھرى-مۇھەببىتىڭ. ئاتاپ ئۆمرۈڭ ۋە بارلىغىڭ، پەقەت ئۆزۈڭ ئويلىماستىن. سەن… ئارزۇلاپ زىرىكمەستىن، ئۈگەتتىڭ ماڭا ئەر بولماقنى. توختىماي كۈرەش قىلماقنى، يىڭىلمەي تىز پۈكمەستىن. ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان، ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان. يۈز-قولىنى قورۇق داغلار باسقان، ئۇ مىنىڭ ئاتام. قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن، پەرزەنىت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن. يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن، ئۇ مىنىڭ ئاتام. جان ئاتا كۆڭلۈڭ توق تۇرسۇن، ئوغلۇڭ داۋام قىلسۇن يولۇڭنى. ساڭا مەڭگۈ بەخىت يار بولسۇن، قۇت تۆرىدە كۈلدۈرەي سىنى. مەردانە سېياقىڭدىن، كۆيۈمچان چېرايىڭدىن. ھېس قىلىمەن زادى نېمە، ھەقىقىي سۆيگۈ دىگەن. مەن… جاپالىق كەچمىشىڭدىن، ئىگىز-پەس ئۆتمۈشىڭدىن. تاپىمەن شۇنداق جاۋاب، مانا بۇ ھايات دىگەن. ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان، ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان. يۈز قولىنى قورۇق داغلار باسقان، ئۇ مىنىڭ ئاتام. قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن، پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن. يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن، ئۇ مىنىڭ ئاتام. ئۇ مىنىڭ ئاتام! ئۇ مىنىڭ ئاتام! ئۇ مىنىڭ ئاتام! ئۇ مىنىڭ ئاتام! ئۇ مىنىڭ ئاتام! ساڭا نەچچە مىڭ رەت تەشەككۈر ئاتا، بەخىت يار بولسۇن ساڭا. ئۇ مىنىڭ ئاتام! مىنى بىر يىگىت قىلغان، ئۇ مىنىڭ ئاتام! باغرى ئاتەشكە تولغان. ئۇ مىنىڭ ئاتام! ماڭا ئومۇر بويى ئاتاپ بەختىنى ۋە تەخىتىنى، ئۆزى كۆيۈپ كۈل بولغان. ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان، ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان. يۈز قولىنى قورۇق داغلار باسقان، ئۇ مىنىڭ ئاتام. ئۇ مىنىڭ ئاتام! قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن، پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن. يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن، ئۇ مىنىڭ ئاتام. ئۇ مىنىڭ، ئۇ مىنىڭ ئاتام.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...