
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مەشرەپ ناۋاسى
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
438

مەشرەپ ناۋاسى - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، تۇرسۇنجان ئۆمەر
1.كۇبلىت: بۇگۈن بىزگە قۇتلۇق كۈن، تەشنا بولۇپ كۈتكەن كۈن. مۇبارەك! راسلاپ سورۇن ساھىپخان، ھەرياقتىن كىلىپ مىھمان، تىلەپ تىلەك. قولۇم-خوشنا قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان كەسىپداش، دوست-ئاداش. كەلدى بەس-بەستە يېتىپ، ئوتلۇق سالاملار ئېيتىپ ئالدىراش. ئۆتۈشمە : مەرھابا مېھمان! كەپسىز خويمۇ ئوبدان، بۇگۈن دىدار غەنىمەت. يۈز كۆرۈشكەن كۈندە، بولسۇن ھەمرا بىزگە. كۈلكە شاتلىق ۋە ئامەت، نەغمە-ناۋا باشلاپ، غۇلاچلار تاشلاپ. چۈشۈڭ ئۇسسۇل ساماغا، تازا ئويناڭ بىر پەس. دەسسەپ مەزمۇت چەبدەس، قىلايلى بەزمە راسا. قايتارما : كۆڭۈللەر كۈلسۇن، گۈلگە تولسۇن مەشرەپ سەيناسى. بېرىپ شاتلىق بىزگە، يەتسۇن پەلەك كۆككە، نەغمە ناۋاسى. كۆڭۈللەر كۈلسۇن، گۈلگە تولسۇن، مەشرەپ سەيناسى. بېرىپ شاتلىق بىزگە، يەتسۇن پەلەك كۆككە، نەغمە ناۋاسى. 2.كۇبلىت: ھەرياقتا ياڭرار كۈلكە، خۇشاللق قىلار جىلۋە. سالغىن نەزەر! مەشرەپ بىزگە بىر مەكتەپ، ئۆگتىدۇ ئەدەپ-ئەخلاق. دىللار كۈلەر مەشرەپ ئۇ بىر چوڭ سەينا، تەلىم بېرەر ساڭا ، ماڭا بارچىگە. ئۆگىتەر بىزگە پەزىلەت، ئۇندىن تاپىمىز ئىززەت ئالەمچە. ئۆتۈشمە: مەرھابا مېھمان! كەپسىز خويمۇ ئوبدان، بۇگۈن دىدار غەنىمەت. يۈز كۆرۈشكەن كۈندە، بولسۇن ھەمرا بىزگە. كۈلكە شاتلىق ۋە ئامەت، نەغمە-ناۋا باشلاپ، غۇلاچلار تاشلاپ. چۈشۈڭ ئۇسسۇل ساماغا، تازا ئويناڭ بىر پەس. دەسسەپ مەزمۇت چەبدەس، قىلايلى بەزمە راسا. قايتارما: كۆڭۈللەر كۈلسۇن، گۈلگە تولسۇن، مەشرەپ سەيناسى. بېرىپ شاتلىق بىزگە، يەتسۇن پەلەك كۆككە، نەغمە ناۋاسى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...