
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
خىزمەت ناخشىسى
پلاستىنكا: ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
673

خىزمەت ناخشىسى - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ. جاپا چەكسەكمۇ كۈن-كۈنلەپ، يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ. ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ، كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ. غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ، قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ. تۇرمۇشۇمدا ھەر كۈنى يېزىلار بىر ھېكايە، ھېكايىدە مەن گاھ خۇشال گاھى بەك بىچارە. ئويلايمەن ئۆز-ئۆزۈمگە بولاي دەپ بەگزادە، لېكىن تەقدىر كاچاتلايدۇ بەرمەستىن ئىمكانە. گاھى كۈلكە گاھ يىغا، قايناپ تۇرار ئىشخانا. رىقابەتچى ئاكا-ئىنى، دوست-بۇرادەر ئۆز ئارا. كۈتۈپ تۇرسىمۇ جاپا، تىرىشىمىز يەنىلا. يەتكىلى بولماس جانانغا، جاننى قىلماستىن پىدا. بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ. جاپا چەكسەكمۇ كۈن-كۈنلەپ، يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ. ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ، كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ. غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ، قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ. ئارزۇلار بەكمۇ تولا كۆيدۈرەر پىراقتا، لېكىن ئەپسۇس مەنزىللىرىم مېنىڭدىن يىراقتا. شۇ كېچىلەردە چۆكىمەن شىرىن خام خىيالغا، ئەتىسى ئۇيقىدا مەن قالار ئارمان بىر ياقتا. گاھى دوستۇم پالاكەت، گاھى ساناقسىز ئامەت. ئۇشبۇ تۇرمۇشنىڭ چاقچىقىغا، چېچىلىش بىھاجەت. دەرتلەر قىلماي زىيارەت، بولماس تىلەك ئىجاۋەت. سەۋىر بىلەن ئەجىر قىلىپ، كۆرگەيمىز ھالاۋەت. بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ. جاپا چەكسەكمۇ كۈن-كۈنلەپ، يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ. ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ، كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ. غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ، قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...