ئوماق جانانىم
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئوماق جانانىم

پلاستىنكا: باشلامدۇق

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 628
ئوماق جانانىم - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
1.بۆلەك :
ئۇچراشتۇق بۈگۈن ئاران،
ئېيتىڭ سەپەر قايان،
ئالغاچ كېتەيمۇ سىزنى؟
يول بويى بىللە ماڭغاچ،
ھەمدە پاراڭ سالغاچ،
ئاپىرىپ قويايمۇ سىزنى؟

سىز سۆيگۈمدىن بىخەۋەر،
سىلىپ قويۇڭ نەزەر،
ئېيتسام سۆزۈم تۈگىمەس.
مەھكەم يېپىشىپ سىزگە،
ئارقىڭىزدىن يۈرۈشكە،
باھانەم جىق تۈگىمەس.

1.ئۆتۈشمە :
سىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن، نېمىشقا؟
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىسىدى دەپ، ياقەي.
نۇرغۇن خىياللارغا تولىمەن، قانداق؟
كۈندەشلىكتە ئارتۇق غەملەر يەپ. ھى ھى ھى

2.ئۆتۈشمە :
سىزگە كۆيۈپ شۇنى بېلىۋالدىم نېمە چىن ياخشى كۆرۈش دىگەن،
ۋە پىشىڭىزنى چىڭ چىگىۋالدىم بولاي دەپ بىر جۈپلەر سىز بىلەن.

قايتارما :
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مېنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز.
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مەھلىيا قىلىۋالدىڭىز.
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مېنى مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز،
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىمما!

2.بۆلەك :
مەڭزىدە بىر زېنىقى،
زەپ تاتلىق خۇلىقى،
يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرەر.
قىززىق يۇمۇر چاخچىغى،
شەيتانلارچە قىلىقى،
خۇشال قىلىپ كۈلدۈرەر.

3.قايتارما :
سىزنى ئۆزگىگە تەڭ قىلماسمەن، راسىتما؟
كۆڭلۈمنىڭ قات-قىتىغا قويۇپ. ھى ھى
يەنە ھەرگىز خاپا قىلماسمەن، ئىشەنمەيمەن!
سىزگە دىلدىن ۋاپادار بولۇپ. ۋەدە بىرىڭ!

4.قايتارما :
ۋەدە بىرەي سىز بىر دانە يوقتۇر ھىچ نەرسەم سىزدىن بۆلەك،
ۋە سىزگە دائىم ھەمراھ بولسۇن سىزگە ئاشىق كۆيۈك بۇ يۈرەك.

چوڭ قايتارما :
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مېنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز.
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مەھلىيا قىلىۋالدىڭىز.
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مېنى مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز،
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىمما!
ئوماق جانانىم، ئوماق، ئوماق جانانىم،
يۈرمەڭ مېنىڭدىن قىچىپ تۇرايلى يۈز كۆرۈشۈپ.
ئوماق جانانىم، ئوماق، ئوماق جانانىم،
مېنى ئەسلىدىڭىزمۇ؟ ماڭا سۆزىڭىز يوقمۇ؟
ئوماق جانانىم، ئوماق، ئوماق جانانىم،
كۆرسەم كۆرگۈم كىلىدۇ، سىزگە يۈرەك كۆيىدۇ.
ئوماق جانانىم، ئوماق، ئوماق جانانىم،
بۇنچە بالدۇر ئالدىرىماڭ كەتمەڭ.
ئابلاجان!!!
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانم،
مېنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز.
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانم،
مەھلىيا قىلىۋالدىڭىز.
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانم،
مېنى مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز،
ئوماق، ئوماق، ئوماق جانانىمما!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...