
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئانا يۇرت
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
831

ئانا يۇرت - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يەنە بىر نۇسخسى: https://www.youtube.com/watch?v=dgLjMjgUQgs
1. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قەشقەر، خوتەن، يەركەن، تۇرپان، ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاتۇش، قۇمۇل، ئاقسۇ، ئالتاي، كورلا ۋە كۇچا. ئانا يۇرتۇم سەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ماكان، گويا پاتماس قۇياشتەك چەكسىز مېھىرگە تولغان. ئەلمىساقتىن بوۋام قىلدى گۈلىستان ھارماي، يەنە مەڭگۈ داۋام قىلار ئۈزۈلۈپ قالماي. يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت، پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش، داۋام تائەبەت. دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي، تۆكۈپ تەر-مېھنەت. ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن، بۇ سۇنماس ھەقىقەت. 2. مۆمىنجان ئابلىكىم يۈسۈپ، مەخمۇت پەرزەنتىڭ، پەخرىڭ مەھكەم يادىمدا، تالاي باتۇر مەرد قەھرىمانلار، ئۆتكەن قوينۇڭدا. 3. مەۋلان مەمتىمىن سەن شاھىت ئۆتمۈشكە، ئۇ ئەمەس ئىز-دېرەكسىز، ئۇل جىسمىڭدا بار تىلسىمات، تۈگىمەس چەكسىز. 4. شىرئەلى ئەلتېكىن (راۋابتا) يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت، پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش، داۋام تائەبەت. دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي، تۆكۈپ تەر-مىھنەت. ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن، بۇ سۇنماس ھەقىقەت. 5. ئابدۇۋەلى ساتتار (تەمبۇردا) 6. ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەت تۇرسۇن سۇتۇق بۇغرا، ئوغۇز روھى سىڭسۇن چىڭ بىزگە، ئۈمىد، ئىشەنچ، ئۆملۈك، غەيرەت بولسۇن خۇي بىزگە. 7. زۇلھايات ئىسمائىل قېرىنداشلار قول بەرگىن دۇرۇس، ھەمراھ قىل كۈلكە، تىرىشايلى ئۇيۇشايلى، يار بولۇپ بىر-بىرىمىزگە. 8. تۇرغۇنجان بىز قۇچقان زەپەر ئانا يۇرتىمىزغا جاۋاب، پەرزەنت يېتىلسۇن بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ. 9. سودىيە ئاي مەخمۇت يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت، پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش، داۋام تائەبەت. دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي، تۆكۈپ تەر-مېھنەت. ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن، بۇ سۇنماس ھەقىقەت. 10. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يۇرتۇم ساڭا ۋۇجۇدۇمدا چەكسىز مۇھەببەت، پەخىرلىنىش، ئاسراپ سۆيۈش، داۋام تائەبەت. دۇئا قىلاي، ئەجىر قىلاي، تۆكۈپ تەر-مېھنەت. ئانا يۇرتۇم ئۆز پەرزەنتىڭمەن، بۇ سۇنماس ھەقىقەت.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...