كىشى ئىسىملىرى

  • ياپچان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 488 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاي ئىسمى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)

  • يانماس
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 459 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئارقىغا قايتماس، ئىزىدىن چېكىنمەس

  • يانتاق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياۋا ئۆسۈملۈك ئىسمى

  • يامغۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 475 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا يامغۇر ئۇلۇغلانغان؛ ئاللانىڭ مېھرى-شەپقىتى يامغۇرغا ئوخشىتىلغان. ئەسلىيسى «يەغمۇر».

  • يالقۇن
    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

  • ياقۇتجان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 454 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياقۇتتەك قىممەتلىك، ئەتىۋار ئوغۇل

  • ياقۇببەگ
    (ياقۇپبەگ) تىل تەۋەلىكى: ئى ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 419 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياقۇب: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى. ئەسلىيسى «يەئقۇببەگ».

  • ياقۇب
    (ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 400 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».

  • ياشنار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 390 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    گۈللەپ ياشنايدۇ؛ شاد-خۇرام ياشايدۇ

  • ياشنات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 365 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    گۈللەندۈرگىن؛ بەختلىك قىلغىن

  • ياشتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 402 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياش شاھزادە

  • ياشار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 429 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    ياشايدۇ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ (بۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • ياشاتقان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئۆمۈر بەرگەن كىشى

  • ياشات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆمۈر بەرگىن، ياخشى كۈن كۆرسەتكىن (بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ئاللادىن ئۆمۈر تىلەش ئېڭى ئىپادىلىنىدۇ)

  • ياشئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 372 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياش باتۇر

  • ياسىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • ياسىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 374 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوڭايلىق

  • يارىيار
    (يارىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 365 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «يار-يار» دەپ ناخشا ئېيتماق

  • يارمۇھەممەد
    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 379 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يارقىن
    (ياقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 352 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يورۇق، ئېنىق، ئوچۇق، روشەن، چاقناپ تۇرىدىغان

  • ياربەختى
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 377 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختى بىللە، بەختلىك، بەخت يار بولغاي

  • ياران
    (يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 392 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر

  • يارئەلى
    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 383 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • يار
    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 418 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يادىكار
    (يادىگار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    ئەستىلىك، ئەسلىمە، خاتىرە، بېغىشلىما، تەقدىم قىلىنغان نەرسە

  • نەۋكەر
    (نوكەر، نۆكەر) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 589 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    يېڭى ئەسكەر؛ قۇل، چاكار، ياللانغۇچى، ياللانما ئەسكەر

  • نەۋقىران
    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1075 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يېڭى، قىرانلىق دەۋر، تولغان دەۋر

  • نەۋزاد
    (نەۋزات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بوۋاق، يېڭى تۇغۇلغان بالا؛ يېڭى ئەۋلاد

  • نەۋرۇز
    (نورۇز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 515 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    باش باھار، يېڭى كۈن، يىل بېشى («نورۇزدا تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • نەۋبەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 402 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نۆۋەت، پۇرسەت؛ دەۋر