كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇللا

    (ئابدۇللام، ئابلا، ئابلام، ئابدۇل، ئابدۇلجان، ئابلاق، ئابۇش، ئابلاجان، ھەبدۇللا، ھەبىدۇللا، ھەبدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، «ئاللانىڭ بەندىسى، ئاللانىڭ قۇلى» دېگەنلىك بولىدۇ.

  • ئابدۇلكەرىم

    (ئابدۇكەرىم، ئابدۇكېرىم، ئابدىكىرىم، ئابدۇك، كېرىم، ئابدىكىرەم، كىرەم، ئابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سېخىي، كارامەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلكەبىر

    (ئابدۇكەبىر، ئابدىكەبىر، ئابدىكېۋىر، كەبىر، كېۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 395كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلقەييۇم

    (ئابدۇقەييۇم، ئابدىقەيۇم، ئابدىقىيۇم، قېيۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 474كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەڭگۈ ھايات ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلقاھھار

    (ئابدۇقاھھار، ئابدۇقاھار، ئابدىقاھار، ئابدىقاخار، قاھار، قاھارجان، قاخار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلقەھھار».

  • ئابدۇلقادىر

    (ئابدۇقادىر، ئابدىقادىر، قادىر، ئابدۇقادى، ئابدىقادى، قادى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 697كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلغەنى

    (ئابدۇغەنى، ئابدۇغېنى، ئابدىغېنى، غېنى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    باي ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئادۇلغەپۇر

    (ئابدۇغوپۇر، ئابدىغوپۇر، غوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 378كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كەچۈرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلقابىز

    (ئابدۇقاۋۇز، ئابدىقاۋۇز، قاۋۇز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى ئېگىلدۈرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇللەتىپ

    (ئابدۇلەتىپ، ئابدۇلېتىپ، ئابدىلىتىپ، ئابلىتىپ، لېتىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەپقەتلىك، كۆيۈمچان، ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلغاپپار

    (ئابدۇغاپپار، ئابدىغاپپار، غاپپار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 474كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دائىم ئەپۇ قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلغەپپار»

  • ئابدۇلخەبىر

    (ئابدۇخەبىر، ئابدۇخېۋىر، ئابدىخىۋىر، ئابدىخىۋەر، خىۋەر، خىۋىر، خېۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن خەۋەردار ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلخالىق

    (ئابدۇخالىق، ئابدىخالىق، خالىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 509كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياراتقۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلجەلىل

    (ئابدۇجەلىل، ئابجېلىل، ئابجەل، ئابجىل، جەللاخۇن، جېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 953كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلجالال

    (ئابدۇجالال، ئابدىجالال، جالال) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 392كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    نۇرلۇق ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلجەلال»

  • ئابدۇلجاببار

    (ئابدۇجاپپار، ئابدىجاپپار، جاپپار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەجبۇر قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلجەببار».

  • ئابدۇلپەتتاھ

    (ئابدۇپەتتاھ، ئابدىپەتتا، ئابدىپەتتار، پەتتار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 495كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دائىم غالىب ئاللانىڭ بەندىسى. ئىزاھات: «پەتتاھ» ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ.

  • ئابدۇلبەسىر

    (ئابدۇبەسىر، ئابدىبەسىر، بەسىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 541كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلباقى

    (ئابدۇباقى، ئابدىۋاقى، باقى، ئابدۇۋاقى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەڭگۈلۈك ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇئەھمەد

    (ئابدەھمەت، ئابدەمەت، ئابدۇلئەھمەت، ئابدىئەھمەت، ئەھمەت، ئەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەھمەدنىڭ قۇلى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى: بەك مەدھىيە ئوقۇغۇچى)

  • ئابدۇتالىب

    (ئابدىتالىپ، تالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوقۇغۇچى؛ تالىبنىڭ قۇلى. ئىزاھات: ئىككىنچى تەركىبى قۇياش ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدىغان «ئابدۇتالىب، ئابدۇتاھا، ئابدۇتاھىر» دېگەندەك ئىسىملاردا، قۇياش ھەرپى (ت ث د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ل ن) تەشدىدلىك (قوش ياكى تەكرار) ئوقۇلۇپ، «ئابدۇتتالىب، ئابدۇتتاھا، ئابدۇتتاھىر، ئابدۇززاھىر،

  • ئابدۇتاھىر

    (ئابدىتاھىر، تاھىر، تايىر، تايى، ئابدىتايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پاك كىشى؛ تاھىرنىڭ قۇلى

  • ئابدۇخەلىل

    (ئابدۇخېلىل، ئابدىخېلىل، خېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    («خەلىل» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش)

  • ئابدۇخوجا

    (ئابدۇغوجى، ئابدىخوجا، ئابدىغوجى، خوجا، غوجى) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 491كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خوجىنىڭ قۇلى («خوجا» بۇ يەردە «ئۇستاز، ئىگە» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ۋە كۆپىنچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • ئابدۇرازىق

    (ئابدىرازىق، رازىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررازىق».

  • ئابدۇرەسۇل

    (ئابدۇروسۇل، ئابدۇرۇسۇل، روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەسۇلنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) قۇلى، پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى

  • ئابدۇرەقىب

    (ئابدۇرېقىپ، رېقىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇزاھىر

    (ئابدۇزايىر، ئابدىزاھىر، ئابدىزايىر، ئابزاھىر، ئابزايىر، ئەبزاھىر، زاھىر، زايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى ئوچۇقلاشتۇرغۇچى، ھەممىنى ئاشكارا قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى («زاھىر» ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئابدۇزەپەر

    (ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زەپەرنىڭ قۇلى («زەپەر» نىڭ مەنىسى: غەلىبە)

  • ئابدۇزۇنۇن

    (ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زۇنۇننىڭ قۇلى («زۇنۇن» يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى بولۇپ، مەنىسى: بېلىق بىلەن بىللە)