كىشى ئىسىملىرى

  • مۇسا

    (مۇساق، مۇسەم، مۇسىخان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 432كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئوغۇل بوۋاق، (2) ياغاچ ساندۇق. ئىزاھات: «مۇسىخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • مۆمىن

    (مۆمىنجان، مۆمۈن، مۆمۈنجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 553كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئىمانلىق، ئېتىقادلىق؛ ياۋاش. ئەسلىيسى «مۇئمىن».

  • نەجات

    (نىجات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    يورۇقلۇق، ئازادلىق، تىنچ-ئامانلىق؛ قۇتۇلماق، بىخەتەرلىك

  • نۇرئەلى

    (نۇرئېلى، نۇرئىلى، نۇرەلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 524كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    نۇر: ئىسمى، ئەلى: سۈپىتى؛ ئەلىدەك باتۇر ئوغۇل.

  • ھاشىم

    (ھاشىمجان، گاشىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 567كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    نان ئوشتىغۇچى، ئۇششاقلىغۇچى

  • ھاكىم

    (ھاكىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 463كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھۆكۈمدار

  • ئۇتۇق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 535كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    غەلىبە، يېڭىش، نەتىجە، ئۈنۈم

  • ئۇچقۇن

    (ئۇچقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 494كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    بۇ يەردە ئوت ئۇچقۇنى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يىراقتىكى ئۇچقۇننى كۆرۈپ ئۈمىدلەنگەن يولۇچىدەك ھېسسىيات ئەكىس ئېتىدۇ

  • ۋارىس

    (ۋارسجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 542كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ۋارسلىق قىلغۇچى، مىراسخور

  • ۋەلى

    (ۋېلى، ۋەلىم، ۋېلىم، ۋەلەك، ۋەلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 513كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاسرىغۇچى، غەمخور، دوست؛ ئەۋلىيا، خوجا، ئىگە، ئىگىدار، ھۆكۈمران، بويسۇندۇرغۇچى («الـ» بىلەن كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئىرپان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 555كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) بىلىم، (2) ھېسسىيات، (3) مىننەتدارلىق، (4) مەدەنىيەت

  • ئىسلام

    (ئىسلامجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    بويسۇنماق (بۇ ئىسىمدا ئىسلام دىنى ئۇلۇغلانغان)

  • ئىھساق

    (ئىسساق، ئىزاق، ئىززاق، ئىساق، ئىسراق) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 420كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئىسھاق پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: كۈمۈش. ئىزاھات: «ئىسھاق، ئېيسا» ئوخشاشلا «ئىساق» قا ئۆزگىرىدۇ. «ئىسھاق، ئىسرائىل» ئوخشاشلا «ئىسراق» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئىگەمبەردى

    (ئىگەم، ئىگەمبەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاللا ئىگەم بىر ئوغۇل بەردى

  • ئىلھام

    (ئىلام، ئىلخام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 514كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    بېشارەت، ھېس-تۇيغۇ

  • ئىمام

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 569كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئالدىدا تۇرغۇچى، يېتەكچى، رەھبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتى)

  • ياقۇب

    (ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 454كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».

  • يالقۇن

    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

  • ساۋۇت

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 500كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • تەۋەككۈل

    (تەۋەككۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 584كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرماق

  • دانىش

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • رەھمان

    (راخمان، رەخمان، رەخىمجان، رامان، رىمان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 738كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    مېھرى-شەپقەتلىك، رەھىمدىل (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). «رەھىم» مۇ «رەخىم، رەخىمجان» غا ئۆزگىرىدۇ ۋە «رەھمان» نىڭ قىسمەن ئۆزگىرىشلىرىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • رەھىم

    (رېھىم، رايىم، رەيىم، رېخىم، رەخىم، رەخى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 683كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    رەھىمدىل، رەھىملىك، شەپقەتلىك، كۆيۈمچان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. ئەگەر بۇ ئىسىم «الـ» بىلەن كەلسە، ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «رەھىم» كۆپىنچە «الـ» بىلەن كېلىپ، «ئابدۇ» قوشۇلۇپ، رەھىم-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • سەئىد

    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • پەخرى

    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • كامىل

    (كامىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 509كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    تولغان، يېتىلگەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھىكمەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 695كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ئىلىم-ھېكمەت، ھېكمەتلىك سۆز؛ مۆجىزە؛ ئەقىل، پەلسەپە

  • ئۆمەر

    (ئەمەر، ھۆمەر، ھەمەر، ھەمىر، ھەمىرجان، ئۆمەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 615كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    چاھاريارلاردىن بىر بولغان ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىزدە كۆپ ھاللاردا «ئۆمەر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەنىسى: ئاۋات، بوستان، مەمۇرچىلىق. ئەسلىيسى «ئۇمەر».

  • ۋاھاب

    (ۋاھاپ، ۋاخاپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 581كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بەك سېخىي (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «ۋەھھاب».

  • ئىبراھىم

    (ئىبرايىم، ئۇرايىم، ئىبراش، ئىراش، ئىبراي) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 540كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللاغا بويسۇنغۇچى، (2) ھۆرمەتلىك. ئىزاھات: «ئىبراھىم» نىڭ باشقا ئاتىلىشى «ئەبىھرام» دۇر.