كىشى ئىسىملىرى

  • ھەكىم
    (ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 387 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ھەلىم
    (ھېلىم، ھېلىمجان، ھېلەك، ھەلەك، ھىلەك، خالىم، خەلىم، خەلىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 351 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) ياۋاش، تاقەتلىك، كەڭ قورساق، مۇلايىم، (2) ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • ئوسمان
    (ئوسمانجان، ئوسمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 395 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    كىچىك يىلان، يىلان بالىسى. ئىزاھات: «ئوسمان» نىڭ ئەسلىيسى «ئۇسمان». گەرچە بۇ ئىسىمنىڭ قەدىمكى ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنى چاھاريارلادىن بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويغان.

  • ئۇشۇر
    (ھۇشۇر، ھوشۇر، ھوشۇرەم، ھوشۇرجان، ھۇشۇرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 384 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) ئۇشۇر (ئاشۇرا) ئېيىدا تۇغۇلغان، (2) ئوندىن بىر (ئۆشرە)، زاكات

  • ئۆركەش
    (ئېركەش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 405 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سۇ ئۆركىشى؛ ئۆركەشلىمەك (بۇ يەردە، سۇ ئۆركىشىدەك شوخ، تىمەن، جانلىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • ئۈمىد
    (ئۈمىت، ئۈمىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچ، ئېتىقاد؛ ئارزۇ. ئەسلىيسى «ئۇمىد».

  • ئىسلاھات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 359 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ياخشىلىماق، ئۆزگەرتمەك، تۈزەتمەك

  • ئىشان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 400 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي مەرتىۋە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنە جەھەتتىن «پىر، شەيىخ» دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدۇ.

  • ئىنايەت
    (ئانايەت، ئانايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 369 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    غەمخورلۇق، ئىلتىپات، ئاسراش، ياردەم، ئەھمىيەت بەرمەك

  • يار
    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 419 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يارمۇھەممەد
    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 380 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يۇنۇس
    (يونۇس، يۈنۈس، يونۇسجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 368 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈلپەت. ئەسلىيسى «يۇۋانىس».

  • ئازادە
    (ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 448 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك

  • ئابدۇلئەزىز
    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 409 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 620 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئەزىز
    (ئېزىز، ھەزىز، ھېزىز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 502 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك، سۆيۈملۈك، قىممەتلىك، شەرەپلىك، كۈچلۈك، قەدىرلىك (بۇ ئىسىم «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • جەسۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 465 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    شىجائەتلىك، باتۇر، قەيسەر؛ دادىل، جۈرئەتلىك، جاسارەتلىك

  • جەلىل
    (جېلىل، جەللى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، شانلىق، پارلاق

  • جۈمە
    (جۈمەك، جۇماق، جۇماش، جۇمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 487 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    يىغىلغان، توپلانغان كۈن (بۇ يەردە جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ياكى جۈمە كۈنى تۇغۇلغان پەرزەنتنى تەبرىكلەش مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ)

  • داۋۇد
    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 468 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • رەجەب
    (رەجەپ، رەجەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 453 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    (1) ھۆرمەتلىك، (2) رەجەب ئېيىدا تۇغۇلغان

  • زاھىد
    (زاھىت، زايىت، زايىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 609 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار، دىندار

  • سەردار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 471 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • شەۋكەت
    (شاۋكەت، شۆكەت، شۆۋكەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 516 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھەيۋەت، ئۇلۇغ، كۈچلۈك

  • شۇكۇر
    (شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    شۈكۈر قىلماق، رەھمەت ئېيتماق

  • قەييۇم
    (قايۇم، قېيۇم، قەيۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 480 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھازىر تۇرغۇچى، تەييار تۇرغۇچى؛ ھەممىنى باشقۇرغۇچى

  • قۇربان
    (قۇۋان، قۇۋانجان، قۇنەك، قۇنام، قەنەك، قوناش، قۇنەش، قوناق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 550 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا بېرىلگەن نەرسە؛ تۆھپە قوشماق، قۇربان بەرمەك، ئۆزىنى تەقدىم قىلماق (بۇ يەردە «قۇربان ھېيىت كۈنلىرى تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • مەھمۇد
    (مامۇت، مامۇش، مامۇق، مامىخان، مەخمۇت، ماخمۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 457 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ماختالغۇچى، مەدھىيەلەنگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مۇراد
    (مۇرات، مۇراتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 323 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    مەقسەت، ئارزۇ، ئىرادە، نىيەت

  • مۇراددىل
    (مۇرادىل) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 557 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈل ئارزۇسى. ئىزاھات: «مۇراددىل، مۇرادۇللا، مىرئادىل» ئوخشاشلا «مۇرادىل» غا ئۆزگىرىدۇ.