كىشى ئىسىملىرى

  • سادىر
    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 414 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • سالام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 405 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سەپەر
    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەمەد
    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 362 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سەييىد
    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سۇلتان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سېتىۋالدى
    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 379 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • شەرىپ
    (شېرىپ، شىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    شەرەپلىك، قىممەتلىك، ئۇلۇغ، مۇنەۋۋەر، يۈكسەك، ئالىي

  • شىرئەلى
    (شىرەلى، شىرلى) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 409 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەلىدەك باتۇر، ئەلىدەك شىر سۈپەت؛ شىردەك ئەلى؛ ئەلىنىڭ شىردەك باتۇرى (ئەلى - چاھاريارلاردىن بىرى)

  • غازى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 372 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئاللا يولىدا جەڭ قىلغۇچى

  • غەنى
    (غېنى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 406 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    باي (بۇ ئىسىم «ئابدۇ» قوشۇلۇپ كەلگەندە ئاللانىڭ سۈپىتىنى، يالغۇز كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • قابىل
    (قاۋۇل، قاۋىل، قاۋۇش، قاۋۇلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 379 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: قوبۇل قىلغۇچى؛ ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك؛ مۇۋاپىق، لايىق

  • قادىر
    (قادى، قادىجان، قادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 383 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • قاسىم
    (قاسىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 335 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    تەقسىم قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى)

  • كامال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 406 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    تولۇق يېتىلگۈچى؛ پۈتۈن، تولۇق كامالەتكە يەتكەن ئەر. ئەسلىيسى «كەمال»

  • كەرىم
    (كېرىم، كېرىمجان، كېرەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 367 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سېخىي، ئالىيجاناب، ئېسىل، قەدىرلىك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، ئەگەر «الـ» ئۇلانسا، يەنى بېشىغا «ئابدۇ» كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ)

  • لاچىن
    (لىچىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 506 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    بىر خىل قۇش نامى بولۇپ، بۇ يەردە «لاچىندەك بىر ئوغۇل تۇغۇلدى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • لۇقمان
    (لوقمان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 421 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    لۇقمان ھەكىمنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) يورۇتماق، (2) ھەممىنى بىلگۈچى

  • ماھىر
    (ماھىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 2053 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئۇستا، ئەپچىل

  • مەجنۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 335 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەقلىدىن كەتكەن، نېرۋىسىدىن ئاداشقان؛ ئاشىق

  • مەئسۇم
    (مەسۇم، مەسىم، مەسۇمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 334 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئاسرالغان، ساقلانغان، گۇناھسىز، قوغدالغان، پاك

  • مۇختار
    (مۇختەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 320 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىبولۇپ، مەنىسى: تاللانغان، خىللانغان؛ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان دېگەنلەردىن ئىبارەت («مۇجتەبا» غا ئوخشاش).

  • مۇزەپپەر
    (مۇزەكپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 378 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    غەلىبە قىلغۇچى، غالىب («زاپىر، زەپىر» لەر بىلەن ئوخشاش)

  • مۇتتەلىب
    (مۇتەللىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 335 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى

  • نازىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 513 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) يېڭى، گۈزەل، (2) قارىغۇچى، كۆزەتكۈچى، نەزەر سالغۇچى، (3) كۆز، (4) مۇدىر

  • نۇرئەھمەد
    (نۇرەخمەت، نۇرەمەت، نۇرەھمەت، نۇرامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 372 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەھمەدنىڭ نۇرى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدن بىرى)

  • نۇرزاد
    (نۇرزات) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 394 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    نۇر ئوغلى، نۇردىن تۆرەلگەن. ئىزاھات: «نۇرزاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • نۇرمۇھەممەد
    (نۇرمەت، نۇرمەمەت، نۇرمەممەت، نۇرمەھەممەت، نۇرىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 340 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەدنىڭ نۇرى

  • نىزام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 390 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    تەرتىپ، تۈزۈم، سىستېما، ئۇسۇل، پىرىنسىپ

  • ھەسەن
    (ھەسەنجان، ھەسۇنق، ھەسەك، خەسەن، ھاسان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھۈسەيىن» (ھۈسەن) قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھا