كىشى ئىسىملىرى

  • ئائىشە

    (ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 683كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە

  • ئايلا

    (ئايلىخان، ئايلام، ئايلىقىز، ئايلامخان، ئايلىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 292كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاچا، ھەدە؛ ئاچا ئورنىدىكى قىز

  • ئالماس

    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 663كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • تەۋپىق

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 618كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب

  • تىلىۋالدى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 526كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ئاللادىن پەرزەنت تىلىۋالدى.

  • جاببار

    (جاپپار، جەپپە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 742كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مەجبۇر قىلغۇچى؛ كۈچلۈك؛ قۇدرەتلىك، غايەت زور. ئەسلىيسى «جەببار».

  • دولقۇن

    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 647كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • ئاتىللا

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 669كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  • قۇتيار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 627كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    باخت يار بولغاي

  • بارخان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 699كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    قۇم دۆۋىلىرى

  • كەنجى

    (كەنجەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    كېيىن تۇغۇلغان (كىچىك ئوغۇل)

  • مەقسۇد

    (مەخسۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن، ئارزۇ قىلغان، مەقسەت قىلغان، تىلىگەن.

  • مۇنىرىدىن

    (مۇنىردىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    دىننىڭ يورۇتقۇچىسى

  • نەۋكەر

    (نوكەر، نۆكەر) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 653كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    يېڭى ئەسكەر؛ قۇل، چاكار، ياللانغۇچى، ياللانما ئەسكەر

  • ھىدايەت

    (ھىدايە، ھىدايى، ھىدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 527كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    توغرا يول، توغرا يولغا يېتەكلىمەك؛ توغرا يول تاپماق

  • ئۇيغۇر

    (ئۇيغۇرجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1830كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مىللەت نامى (ئۇيۇشقان)

  • ئىدرىس

    (ئەدرىس، ئىرىس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 555كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ئۇرۇق چاچقۇچى، دېھقان (ئىدرىس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى)

  • ئارزۇ

    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 782كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئايتۆرە

    (ئايتۆرەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ م تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    چىرايلىق ۋە ئېسىل نەسەبلىك

  • ئايدەنا

    (ئايدانا، ئايدەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 464كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ئەقىللىق، دانىشمەن، بىلىملىك قىز

  • ئەھەد

    (ئەھەت، ئەخەت، ئەخىتىم، ئەخەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    بىر، يالغۇز، يەككە، يېگانە (بۇ يەردە ئاللانى كۆرسىتىدۇ)

  • ئەختەم

    (ئەھەد، ئەھەت، ئەخەت، ئەخىتىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 676كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) ئاخىرقى بالا، كەنجى ئوغۇل؛ (2) «ئەھەد» نىڭ ئەركىلەتمە شەكلى. مەسىلەن، «ئەھەت، ئەخەت، ئەخىتىم، ئەختەم» دېگەندەك؛ (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلرىدىن بىر بولۇپ، مەنىسى: ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر

  • ئىلغار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 467كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    تىز يۈرەر، زەربىدار، ئالدىن يۈرەر، ئالدىدا ماڭغۇچى

  • خالمۇراد

    (خالمۇرات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 488كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇرادى ھاسىل بولغان

  • داۋامەت

    (دۇگامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    دائىملىق، مەڭگۈلۈك. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «دەۋامەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىسىم «دۇگامەت» كە ئۆزگىرىپ، «دۇئامەد، دۇئامۇھەممەد» لەرنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • دىلمۇراد

    (دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    كۆڭۈل ئارزۇسى

  • رەقىب

    (رەقىپ، رېقىپ، رېقىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 454كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    پايلىغۇچى، كۆز سالغۇچى، كۆز سېلىپ تۇرغۇچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • زىيا

    (زىيام، زىيەم، زىيەك، زىياق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    نۇر، يورۇق. ئەسلىيسى «زىيائى»

  • سابىت

    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سابىر

    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»