كىشى ئىسىملىرى

  • ئۇلۇس
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 587 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مىللەت، خەلق

  • ئابدۇرەئۇپ
    (ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 588 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».

  • خالىس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 588 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ساپ، پاكىز، ھەقىقىي، سەمىمىي

  • بىلال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 588 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوچۇق، ساپ ھاۋا

  • ئايتىللا
    (ئايتىللاخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 588 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىللادەك ئېسىل، قىممەتلىك قىز. ئەسكەرتىش: «ئايتىللا» بولسا «ئايەتۇللا» دىنمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 590 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • تاھىر
    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 591 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • بەشەر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 592 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىنسان، ئادەم

  • قابان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 594 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاۋاق

  • رامىزان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 595 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • دانىش
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 596 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 597 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • تۇرسۇن
    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 597 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • ئەسئەد
    (ئەسئەت، ئەسقەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 599 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەڭ بەخىتلىك، خۇشال

  • جامال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 599 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».

  • ئابدۇئەسەد
    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شىر كەبى ئادەم

  • غەزەل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ناخشا، لىرىك ھېسسىيات

  • ئاتلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 602 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • شىجائەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 603 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غەيرەت، جۈرئەت، باتۇرلۇق

  • قۇدرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 603 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    كۈچ، ھوقۇق

  • قۇززات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 603 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قازىلار

  • پەخرى
    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 603 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • ئىگەمبەردى
    (ئىگەم، ئىگەمبەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 603 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئىگەم بىر ئوغۇل بەردى

  • چىلان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 604 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر خىل مېۋىلىك دەرەخ نامى

  • سالاھىدىن
    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 604 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • بەرداش
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 604 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قىيىنچىلىققا چىدايدىغان كىشى

  • ئۆمەر
    (ئەمەر، ھۆمەر، ھەمەر، ھەمىر، ھەمىرجان، ئۆمەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 605 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    چاھاريارلاردىن بىر بولغان ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىزدە كۆپ ھاللاردا «ئۆمەر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەنىسى: ئاۋات، بوستان، مەمۇرچىلىق. ئەسلىيسى «ئۇمەر».

  • بۇرھان
    (بورھان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 607 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىسپات، ھۆججەت، پاكىت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مۇراددىل
    (مۇرادىل) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 607 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈل ئارزۇسى. ئىزاھات: «مۇراددىل، مۇرادۇللا، مىرئادىل» ئوخشاشلا «مۇرادىل» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • تەۋپىق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 608 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب