كىشى ئىسىملىرى
-
سۇلەيمان
(سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 335
، ياقتۇرغانلار: 10
سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)
-
شەمسى
(شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 441
، ياقتۇرغانلار: 10
قۇياش، كۈن؛ قۇياش كەبى. ئىزاھات: «شەمسى، شەمىس، شەمسىدىن» لەر ئوخشاشلا «شەمشى» گە ئۆزگىرىدۇ.
-
شەمسىدىن
(شەمشىدىن، شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 413
، ياقتۇرغانلار: 10
دىننىڭ قۇياشى. ئەسلىيسى «شەمسىددىن».
-
شەھرىيار
(شەرىيار، شورىيار، شورىيا) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 486
، ياقتۇرغانلار: 10
بۈيۈك شاھ؛ شۆھرەت يار بولغاي. «شەھرىيار» بەزى جايلاردا ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.
-
شۆھرەت
(شۆرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 665
، ياقتۇرغانلار: 10
مەشھۇر بولماق، تونۇلماق، شۆھرەت، نام
-
شەنبە
(شەمبە، شەمبىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 452
، ياقتۇرغانلار: 10
كۈن ئىسمى (كۈن). ئىزاھات: «شەمبىگۈل» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.
-
غالىب
(غالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 526
، ياقتۇرغانلار: 10
غەلىبە قىلغۇچى
-
غەرىب
(غېرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 354
، ياقتۇرغانلار: 10
چەتئەللىك، سىرتتىن ئېقىپ كەلگەن مۇساپىر، يۇرتىدىن ئايرىلغان كىشى
-
غىياسىدىن
(غىيازىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 1125
، ياقتۇرغانلار: 10
دىننىڭ ياردەمچىسى
-
ئاتائۇللا
(ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 499
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل
-
ئاتلان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 552
، ياقتۇرغانلار: 10
ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن
-
قاپلان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 467
، ياقتۇرغانلار: 10
ھايۋان ئىسمى
-
قەيسەر
(قەيسەرجان) تىل تەۋەلىكى: ي
كۆرۈلۈشى: 385
، ياقتۇرغانلار: 10
بۇ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 100~44-يىللاردا ئۆتكەن قەدىمكى رىم پادىشاھى جولىئۇس كايسارنىڭ نامىدىن كەلگەن ئىسىم بولۇپ، بىزچە مەنىسى: ئىمپېراتور، خان، پادىشاھ؛ ئۇلۇغ، زور، كاتتا دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
-
قۇددۇس
(قۇدۇس) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 637
، ياقتۇرغانلار: 10
ئۇلۇغ، پاك، مۇقەددەس (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)
-
باھادىرخان
(باتۇرخان، باتۇخان) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ
كۆرۈلۈشى: 454
، ياقتۇرغانلار: 10
باھادىر: ئىسمى، خان: سۈپىتى
-
پىدائەھمەد
(پىداخمەت، پىداقمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 363
، ياقتۇرغانلار: 10
پىدا: ئىسمى، ئەھمەد: سۈپىتى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە «مۇھەممەد ئۈچۈن، مۇھەممەدنىڭ يولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغۇچى» دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ)
-
كارامەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 399
، ياقتۇرغانلار: 10
شەرەپ، داڭق؛ ھەيۋەت؛ ئىپتىخار؛ مۆجىزە؛ مەردلىك. ئەسلىيسى «كەرامەت».
-
مەردان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 400
، ياقتۇرغانلار: 10
مەردلەرچە، ئەرلەرچە؛ ئەرلەر
-
مەنسۇر
(ماڭسۇر، مەڭسۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 572
، ياقتۇرغانلار: 10
ياردەمگە ئېرىشكۈچى؛ غەلىبە قىلغۇچى، نۇسرەت بېرىلگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
مەۋلان
(مەۋلانجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 404
، ياقتۇرغانلار: 10
خوجىلار، خوجىلارچە، خوجايىنلارچە
-
مۇقىت
(مۇقايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 10
پەرۋىش قىلغۇچى، ئوزۇقلاندۇرغۇچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)
-
نىياز
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 329
، ياقتۇرغانلار: 10
موھتاج، ھاجەت، ھاجەتمەن، ئېھتىياج، قۇل، بەندە، چاكار؛ تىلەش؛ تۆھپە، ئاللاغا ئاتالغان سەدىقە؛ بەخشەندە قىلىنغان نەرسە؛ قۇللۇق بىلدۈرمەك، يالۋۇرماق، قۇللۇق قىلماق، ئۆتۈنمەك، ئۈمىد قىلماق
-
ھامىد
(ھامىت، ھامۇت، ھامۇق، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 489
، ياقتۇرغانلار: 10
ماختىغۇچى، مەدھىيەلىگۈچى، شۈكۈر قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.
-
ھەبىبۇللا
(ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 454
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
-
ھۆسەيىن
(ھۈسىيىن، يۈسىيىن، ھۈسەن، يۈسۈن، ھۆسەن، ھۆسۈن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 833
، ياقتۇرغانلار: 10
مەنىسى: ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھەسەن» قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھات:
-
ۋائىد
(ۋائىت، ۋايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 399
، ياقتۇرغانلار: 10
ئۈمىدلىك، ئىستىقباللىق؛ ئەھدە قىلغۇچى، ۋەدە بەرگۈچى. ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.
-
ئىسلامنىياز
تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 372
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغۇچى، ئىسلامغا بەخشەندە قىلىنغان (كىشى)
-
ئىسمائىل
(ئىسمايىل، ئىسماق) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 387
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى، (2) ئاللا ئاڭلىدى
-
ئىكرام
(ئىكرامجان، ۋىكرام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 437
، ياقتۇرغانلار: 10
ھۆرمەت، ئىززەت
-
ئىلاج
(ھىلاج، غىلاج) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 530
، ياقتۇرغانلار: 10
داۋالىماق، ئامال قىلماق، ساقايتماق، داۋا