كىشى ئىسىملىرى
-
ئەزىمەت
(ئەزىماق. ئەزىمەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 490
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) يولغا چىقىش، قوزغىلىش، مېڭىش، ئىنتىلىش؛ (2) مۇستەھكەم ئىرادە، نىيەت، غايە، ئارزۇ؛ (3) كۈچ-قۇۋۋەت؛ (4) قەتئىيلىك، باتۇرلۇق، ئۇلۇغلۇق، ئۇلۇغۋارلىق؛ (5) بۈيۈك، كاتتا
-
ئەكبەر
(ئەكپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 407
، ياقتۇرغانلار: 10
ھەممىدىن چوڭ، چوڭ ئوغۇل
-
ئەلقەم
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 395
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) لوقمىلار؛ (2) ئويۇلغان؛ (3) ئاچچىق تاۋۇز، دورا تاۋۇزى؛ (4) نېسىۋىسى كۆپ
-
ئەلى
(ئېلى، ئەلىش، ئەلەك، ھېلەك، ئەلەش، لىلىس، ئىلەم، ھەلەك، ئېلەك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 361
، ياقتۇرغانلار: 10
ئۈستۈن، ئېگىز، ئالىي، يۈكسەك ( بۇ، «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە چاھاريارلاردىن ئەلىنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ)
-
ئەنۋەر
(ئەڭگەر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 420
، ياقتۇرغانلار: 10
ھەممىدىن نۇرلۇق، بەك نۇرلۇق
-
بارات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 511
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) بارات ئېيىدا تۇغۇلغان؛ (2) گۇناھسىز، گۇناھتىن قۇتۇلماق. ئەسلىيسى «بەرائەت»
-
باقى
(باقىش، باقەش) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 412
، ياقتۇرغانلار: 10
ھەمىشە مەۋجۇت، مەڭگۈلۈك
-
بۇرسلان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 356
، ياقتۇرغانلار: 10
قاپلان
-
بۇرھان
(بورھان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 555
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسپات، ھۆججەت، پاكىت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
پازىل
(فازىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 398
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) پەزىلەتلىك، تالانتلىق، بىلىملىك؛ (2) مەڭگۈلۈك؛ (3) تۆھپىسى بار، ئەجرى بار؛ (4) ئالاھىدىلىكى بار، مەشھۇر، داڭلىق
-
پولات
(پولاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 409
، ياقتۇرغانلار: 10
مېتال ئىسمى («پولاتتەك مۇستەھكەم، چىڭ» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
-
پىدا
(پىداجان، فەدا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 391
، ياقتۇرغانلار: 10
تەقدىم قىلماق؛ بېغىشلىماق، ئۆزىنى ئاتىماق
-
تاشپولات
تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 414
، ياقتۇرغانلار: 10
تاش ۋە پولاتتەك مەھكەم
-
تاشمۇھەممەد
(تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە
كۆرۈلۈشى: 398
، ياقتۇرغانلار: 10
تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى
-
تالىب
(تالىپ، تايلىپ، تالىش، تالىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى
-
خالى
(خال، خالىجان، خالىم، خالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 624
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) ئەركىن، ھۆر، بويتاق، (2) خال، مەڭ، (3) ئەيىبتىن خالىي، (4) بوش، بىكار
-
خەيرۇللا
(خەيرۇل، خەيرىل، خەيرىللا، خەيرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 512
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللانىڭ ياخشىلىقى، ئاللانىڭ ياخشى كىشىسى
-
خۇدابەردى
(خۇداۋەدى) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ
كۆرۈلۈشى: 547
، ياقتۇرغانلار: 10
خۇدا بىر ئوغۇل بەردى، خۇدا بەرگەن ئوغۇل
-
خەلىل
(خەلەك، خېلىل، خېل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 444
، ياقتۇرغانلار: 10
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش.
-
دىلشاد
(دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 403
، ياقتۇرغانلار: 10
كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل
-
دىليار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 455
، ياقتۇرغانلار: 10
كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان
-
دىيار
(دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 461
، ياقتۇرغانلار: 10
يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە
-
راززاق
(رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 435
، ياقتۇرغانلار: 10
كۆپ رىزقى بەرگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «رەززاق»
-
رازىق
(راسىق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 364
، ياقتۇرغانلار: 10
رىزقى بەرگۈچى
-
رەسۇل
(روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 520
، ياقتۇرغانلار: 10
ئەلچى، خەۋەرچى، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
رەشاد
(رىشات) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 469
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاڭلىق، يېتىلگەن، تولغان
-
رەشىد
(رەشىت، رېشىت، رىشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 406
، ياقتۇرغانلار: 10
توغرا يول كۆرسەتكۈچى. «رەشىد» ئەگەر «الـ» بىلەن كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ.
-
سەلىم
(سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 470
، ياقتۇرغانلار: 10
ساغلام، ساق-سالامەت
-
سەئدۇللا
(سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 444
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى
-
سەيپۇللا
(سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 448
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)