كىشى ئىسىملىرى

  • نۇرتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 467 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تايچاقتەك شوخ ئوغۇل

  • نىزاممۇھەممەد
    (نىزامەت، نىزەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    نىزام: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى (مۇھەممەدنىڭ تەرتىپ-تۈزۈملىرى)

  • نىزامىدىن
    (نىزاق، نىزامۇق، نىزەمۇق، نىزۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 452 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى

  • ھاپىز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھاجى
    (ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 502 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى

  • ھارۇن
    (ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 423 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل

  • ھەزرىتىئەلى
    (ھەزىرتېلى، ھەزتېلى، ھىزتىلى، ھەزتىلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 379 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ھەزرىتى ئەلىدەك ئوغۇل (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى ئۇلۇغلانغان)

  • ھەزىم
    (ھەزىمجان، ھېزىم، ھېزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ئوتۇن، ئوتۇنچى، (2) ئىرادىلىك، قەتئىي، كەسكىن، (3) گۈلدۈرماما، (4) ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش. ئىزاھات: «ئەزىم» مۇ «ھەزىم» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمدۇللا
    (ھەمدۇل، ئەمدۇللا، ئەمدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 377 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاللانى مەدھىيەلىمەك. ئىزاھات: «ھەمىدۇللا» مۇ «ھەمدۇللا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمىد
    (خەمىت، ئىمىت، يىمىت، ھېمىت، ھىمىت، ئىمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 372 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ماختاشقا لايىق، ئاقىۋىتى ياخشى، سالامەت

  • ۋاھىد
    (ۋايىت، گايىت، گايتەم، گىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 731 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بىر، يەككە، يالغۇز (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئىرشاد
    (ئىرشات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 463 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    يول كۆرسەتمەك، تەلىم بەرمەك، توغرا يولغا باشلىماق

  • ئىسكەندەر
    تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 437 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىرنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى

  • ئىلزات
    (ئىلزات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 432 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئەل ئوغلى («ئەلزاد» قا ئوخشاش)

  • ئىلشاد
    (ئىلشات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئەلنىڭ شادلىقى، ئەلنى شادلاندۇرغۇچى

  • ئىليار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ئەلنىڭ دوستى، (2) دۆلەت يار بولغاي

  • يارئەلى
    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 590 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە
    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 565 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئايگۈل
    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 689 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئاينۇر
    (ئاينۇرەم، ئاينۇرخان، ئاينۇرقىز، ئاينۇرگۈل، ئاينىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 300 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاي نۇرىدەك گۈزەل قىز. ئەسكەرتىش: «ئاينىم» بولسا «ئايىنىم» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئابدۇرەھىم
    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 489 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئادىل
    (ھادىل، ھەدىل، ئادىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئادالەتنى ياقلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئارسلان
    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 627 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئارمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 676 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 597 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئامان
    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 439 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئەبۇبەكرى
    (ئابابەكرى، ئاباكرى، ئاۋاكرى، ئاباك، ئۇلبەكرەم، ئۇلبەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    بەكرىنىڭ ئاتىسى («بەكرى» نىڭ مەنىسى: تۇنجى بالا؛ بوتىلاق)

  • ئەرشىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 569 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) دىننىڭ تەختى؛ (2) دىننىڭ راستچىل كىشىسى. بۇ ئىسىمنىڭ ئەسلىيسى «ئەرشىددىن».

  • ئەزھەر
    (ئەزھەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 681 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    نۇرلۇق، يارقىن، پارلاق