كىشى ئىسىملىرى

  • ئايتولدى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 505كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئايدەك تولغان

  • ئايجەمىلە

    (ئايجىمىلە، ئايجىمىلەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 505كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جەمىلە: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى ( «جەمىلە» نىڭ مەنىسى: گۈزەل قىز)

  • ئابدۇسەييىد

    (ئابدۇسېيىت، ئابدىسىيىت، ئابسىيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: خوجا، ئۇستاز. بۇ يەردە «خوجىمىز مۇھەممەد پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • ھەبىبۇللا

    (ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  • يولبارس

    (يولۋاس، يولۋاسجان، يولۋاسخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ھايۋان ئىسمى (بۇ يەردە ئوغۇل پەرزەنتنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش باتۇر، يۈرەكلىك چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان). ئىزاھات: «يولۋاسخان» پەقەت ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • مەكتۇب

    (مەكتۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 507كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خەت، رىسالە، يېزىققا ئېلىنغان نەرسە

  • ئىلتىپات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 507كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    نەزەر سالماق، ئېتىبار قىلماق

  • شائىر

    (شايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 508كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھېسسىياتچان؛ شېئىر يازغۇچى

  • بۇغراخان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 508كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇغرا: ئىسمى، خان: سۈپىتى

  • ئابدۇلخالىق

    (ئابدۇخالىق، ئابدىخالىق، خالىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 509كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياراتقۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • پەرد

    (پەرت، پەرىد، فەرد، فەرىد، فەرت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 509كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) يېگانە، يالغۇز؛ تەڭداشسىز، (2) ئۈنچە-مارجان، گۆھەر، ئالماس. ئىزاھات: «پەرد» بولسا «پەرىد» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

  • كامىل

    (كامىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 509كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    تولغان، يېتىلگەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئەسغەر

    (ئەسقەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 510كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    ھەممىدىن كىچىك؛ ئەڭ كىچىك ئوغۇل

  • شاكىر

    (شاكىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 510كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    شۈكۈر قىلغۇچى، رەھمەت ئېيتقۇچى

  • ياشار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 510كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    ياشايدۇ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ (بۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • شاھىمەردان

    (شامەردان، شايىمەردان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 511كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەردلەرنىڭ شاھى، يىگىتلەرنىڭ يىگىتى، باتۇرلارنىڭ باتۇرى (چاھاريارلاردىن ئەلىنىڭ لەقىمى)

  • ياقۇتجان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 511كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياقۇتتەك قىممەتلىك، ئەتىۋار ئوغۇل

  • سەئىد

    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • يالقۇن

    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

  • ھاجى

    (ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 513كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    (1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى

  • ۋەلى

    (ۋېلى، ۋەلىم، ۋېلىم، ۋەلەك، ۋەلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 513كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاسرىغۇچى، غەمخور، دوست؛ ئەۋلىيا، خوجا، ئىگە، ئىگىدار، ھۆكۈمران، بويسۇندۇرغۇچى («الـ» بىلەن كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئابدۇ

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 514كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئىسىم ئادەتتە يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئابدۇ» ئەسلىي قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئارقىسىدىكى تەركىب تاشلىۋېتىلگەن ئىسىمدۇر. لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنىسى بار. ئۇ «بەندە، قۇل، كىشى، ئادەم، ئىنسان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئابدۇ» ئەسلىدە (عبد) بولسىمۇ، ئادەت ب

  • شىراق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 514كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 3

    پاچاقنىڭ تىزدىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى

  • ئىلھام

    (ئىلام، ئىلخام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 514كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    بېشارەت، ھېس-تۇيغۇ

  • دىليار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 515كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان

  • نىئمەت

    (نېمەت، نىمەت، نېغمەت، نىغمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 515كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىلتىپات، مەرھەمەت، ياخشىلىق، نېمەت، ساخاۋەت

  • تىلەك

    (تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)

  • دىيار

    (دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە

  • ۋاجىب

    (ۋاجىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاپشۇرۇق؛ زۆرۈرىيەت

  • سەردار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى