كىشى ئىسىملىرى

  • ھەدىد

    (ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)

  • ھەبىبۇللا

    (ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  • ھەبىب

    (ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 435كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھۇنئەر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 374كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھۇن نەسلىدىن بولغان باتۇر ئەر

  • ھۇنئالىپ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 370كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھۇن باتۇرى

  • ھۇمايۇن

    (ھۇمايەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قۇتلۇق، بەختلىك، بەخت، مۇبارەك؛ بەخت قۇشى. ئىزاھات: «ھۇمايەم، ھۇۋەيدە» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ھۇشيار

    (ھوشيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 373كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەقىللىق، زېھنى ئۆتكۈر، چېچەن، زېرەك. ئەسلىيسى «ئۇشيار».

  • ھۇسامىدىن

    (ھىسامىدىن، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 393كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «ھۇسامىددىن».

  • ھۇسام

    (ھېسام، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 457كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىتتىك، ئۆتكۈر قىلىچ

  • ھۇزۇر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) كەلمەك، ھازىر بولماق، (2) ھۇزۇرلىنىش

  • ھۆسەيىن

    (ھۈسىيىن، يۈسىيىن، ھۈسەن، يۈسۈن، ھۆسەن، ھۆسۈن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 917كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مەنىسى: ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھەسەن» قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھات:

  • ھۆرۇللا

    (ھۆرىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 477كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ ئەركىن كىشىسى

  • ھىلال

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1155كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 3

    يېڭى چىققان ئاي

  • ھىكمەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 695كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ئىلىم-ھېكمەت، ھېكمەتلىك سۆز؛ مۆجىزە؛ ئەقىل، پەلسەپە

  • ھىسار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 396كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قورغان، قەلئە، قورشاۋ، ئىھاتە

  • ھىزبۇللا

    (ھىزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا تەرەپتە تۇرغۇچى، ئاللانىڭ جەڭچىلىرى، ئاللا پارتىيەسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھىدايەت

    (ھىدايە، ھىدايى، ھىدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 527كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    توغرا يول، توغرا يولغا يېتەكلىمەك؛ توغرا يول تاپماق

  • ھىدايىتۇللا

    (ھىدايىتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 374كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ توغرا يولى، ئاللانىڭ كۆرسەتكەن يولى. ئەسلىيسى «ھىدايەتۇللا».

  • ھىجرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 866كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كۆچمەك (بۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان)

  • ھىجرى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاي ئىسمى؛ «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

  • ھىجاز

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئاتىلىشى

  • ھىببى

    (ھىبى، ھىۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 518كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سۆيۈملۈك، قەدىرلىك، ئەزىز

  • ھاپىز

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    (1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھاياتۇللا

    (ئاياتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 393كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا بەرگەن ھايات، ئاللا بەرگەن ھاياتلىق، ئاللا بەرگەن پەرزەنت

  • ھايات

    (ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 518كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».

  • ھامىد

    (ھامىت، ھامۇت، ھامۇق، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 539كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ماختىغۇچى، مەدھىيەلىگۈچى، شۈكۈر قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھامى

    (ھامىجان، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاسرىغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلىگۈچى، يۆلەنچۈك، ھىمايىچى، ھىمايە قىلغۇچى. ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھالاۋەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 502كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».

  • ھالالىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 421كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».

  • ھاكىم

    (ھاكىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 463كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھۆكۈمدار