كىشى ئىسىملىرى

  • مۇھىيدىن
    (مۇھىدىن، مويدىن، مويدىنجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىز باسارى. ئىزاھات: «مۇھىيدىن، مۇھىدىن» قاتارلىق ئىسىملار «مۇئىدىن» گە ئوخشاشلا «مەيدىن، مويدىن» لارغا ئۆزگىرىدۇ.

  • نەشپۈت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مېۋە نامى. ئىزاھات: «نەشپۈت» بىلەن «نەشۋەت» ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • نىزام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    تەرتىپ، تۈزۈم، سىستېما، ئۇسۇل، پىرىنسىپ

  • ئۆزخان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆزىمىزنىڭ خان ئوغلى، ئۆز-ئۆزىگە خان بولغۇچى

  • ئۈكەر
    (ھۈكەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۈكەر يۇلتۇزىنىڭ نامى (يەتتە يۇلتۇز)

  • ئالتۇنئاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئالتۇندەك قىز

  • كۈندەم
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 434 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پارلاق؛ قۇياشلىق؛ قۇياش

  • مەخدۇم
    (مەخسۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 434 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خوجايىن، خوجا، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغۇچى؛ ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرى، خوجام

  • نەسرۇللا
    (نەسرۇل، نەسرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 434 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ نۇسرىتى، ئاللانىڭ ياردىمى

  • يەكدىل
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 434 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر نىيەت

  • ئابامئۇلۇغ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى

  • تاشمۇھەممەد
    (تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • كەلكۈن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلىنىپ، كەلكۈن كەلگەنلىكىگە بولغان خۇشاللىق ئەكس ئەتكەن. چۈنكى، سۇ مول بولسا، بارلىق قۇرغاق جايلار سۇغا قانىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتىزارلىقتىن كېيىن بىر ئوغۇل پەرزەنت دۇنياغا كەلسىمۇ قۇرغاق جايلار سۇغا قانغاندەك، شۇ ئائىلە بەختكە چۆمىدۇ.

  • مەسئۇد
    (مەسخۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، تەلەيلىك

  • نەبرە
    (نەۋرە) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ كىشىلەر نەۋرە كۆرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاپقويغان ئىسىم بولۇپ، «نەۋرە» ئەرەبچىدە «گۈل» مەنىسىنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ. ئىزاھات: «نەبرە» نىڭ تىل تەۋەلىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بەزىلەر ئۇنى پارسچە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

  • ھەكىم
    (ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئىسيان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قارشى تۇرماق، بويسۇنماسلىق، ئىتائەت قىلماسلىق؛ قوزغالماق، قوزغىلاڭ، قارشى كۆتۈرۈلۈش (بۇ ئىسىم مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەر بولغان مەزگىلدە، شۇ ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇلغان. مەسىلەن، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا جۇڭگودا قوزغالغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غا ئوخشاش. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم ئ

  • سەئىدىن
    (سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 432 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • ئىسلامنىياز
    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 432 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغۇچى، ئىسلامغا بەخشەندە قىلىنغان (كىشى)

  • ئىلزات
    (ئىلزات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 432 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئەل ئوغلى («ئەلزاد» قا ئوخشاش)

  • ئاقبىبى
    (ئاقبۈۋى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 432 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاق خېنىم

  • ئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەھرىمان، باتۇر

  • سەدىرىدىن
    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».

  • شادىمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خۇشال، خۇشاللىق، شاد-خۇراملىق. «شادىمان» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئابدۇتالىب
    (ئابدىتالىپ، تالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوقۇغۇچى؛ تالىبنىڭ قۇلى. ئىزاھات: ئىككىنچى تەركىبى قۇياش ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدىغان «ئابدۇتالىب، ئابدۇتاھا، ئابدۇتاھىر» دېگەندەك ئىسىملاردا، قۇياش ھەرپى (ت ث د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ل ن) تەشدىدلىك (قوش ياكى تەكرار) ئوقۇلۇپ، «ئابدۇتتالىب، ئابدۇتتاھا، ئابدۇتتاھىر، ئابدۇززاھىر،

  • كۆلتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەقلى كۆلدەك شاھزادە

  • ئۆزباش
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆز-ئۆزىگە باش بولغۇچى

  • ئىسمائىل
    (ئىسمايىل، ئىسماق) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى، (2) ئاللا ئاڭلىدى

  • پىدا
    (پىداجان، فەدا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تەقدىم قىلماق؛ بېغىشلىماق، ئۆزىنى ئاتىماق

  • سابىت
    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس