كىشى ئىسىملىرى

  • ياران

    (يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر

  • يۈكسەل

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يۇقىرى ئۆرلە، نەتىجە قازان؛ ئۈستۈن مەرتىۋىلىك بول

  • جۇنەيد

    (جۇنەيت، جۇنايىت، جىنايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) قوشۇن، (2) كىچىك جەڭچى (ئەرەبچىدىكى «جۇندى» دېگەن سۆزنىڭ كىچىكلىتىلمە شەكلى)

  • رەئۇپ

    (راۋۇپ، راۋۇپجان، رەۋۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەپقەت قىلغۇچى، رەھىمدىل (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتىلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «رەئۇپ» مۇ «الـ» بىلەن كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

  • كارامەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    شەرەپ، داڭق؛ ھەيۋەت؛ ئىپتىخار؛ مۆجىزە؛ مەردلىك. ئەسلىيسى «كەرامەت».

  • مۇشرىپ

    (مەشرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەھبەر، باشقۇرغۇچى، مۇدىر، بۆلۈم باشلىقى، نازارەتچى

  • نىمشەھىد

    (نىمشېھىت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يېرىم شەھىد (نىمشېھىت ئارمىيە ئەلى داموللىنىڭ تەخەللۇسى)

  • ئالتۇنئاي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئالتۇندەك قىز

  • ئايتۇتى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ھ تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تۇتى قۇشتەك جەلىپكار قىز

  • سايران

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

  • قۇرۇم

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قورام تاش؛ تاغ

  • ئاسان

    (ھاسان، ھەسەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئوڭايلىق، ئاسانلىق، (2) سالامەتلىك. ئىزاھات: «ئاسان» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەسەن» (سالامەتلىك، ساقلىق) نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، ھازىرقى مەنىسى ئاساس قىلىنمايدۇ. «ئاسان» بۇ يەردە «ئەسەن» گە ھەم ئۇلار «ھاسان، ھەسەن» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • بوۋاق

    (بوۋاقىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بوۋاقتەك پاك ۋە يېقىشلىق

  • ۋائىد

    (ۋائىت، ۋايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئۈمىدلىك، ئىستىقباللىق؛ ئەھدە قىلغۇچى، ۋەدە بەرگۈچى. ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ۋەكىل

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ھەممىنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، (2) ئورۇنباسار («الـ» بىلەن كەلسە ئاللانىڭ ئىسملىرىدىن بىرى)، (3) مۇئاۋىن، ۋەكىللىك قىلغۇچى، ۋەكالەتچى، (4) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى

  • ئارمانگۈل

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئارمان قىلغان قىز

  • ئامان

    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • شاھاب

    (شاھاپ، شاخاپ، شىھاب) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يورۇق يۇلتۇز؛ ئۇچقۇن؛ راكىتا. ئەسلىيسى «شەھاب» ياكى «شىھاب»

  • كۈندەم

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پارلاق؛ قۇياشلىق؛ قۇياش

  • مەخدۇم

    (مەخسۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خوجايىن، خوجا، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغۇچى؛ ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرى، خوجام

  • مۇھىيدىن

    (مۇھىدىن، مويدىن، مويدىنجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىز باسارى. ئىزاھات: «مۇھىيدىن، مۇھىدىن» قاتارلىق ئىسىملار «مۇئىدىن» گە ئوخشاشلا «مەيدىن، مويدىن» لارغا ئۆزگىرىدۇ.

  • نەشپۈت

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مېۋە نامى. ئىزاھات: «نەشپۈت» بىلەن «نەشۋەت» ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • ئۈكەر

    (ھۈكەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈكەر يۇلتۇزىنىڭ نامى (يەتتە يۇلتۇز)

  • ئىسلام

    (ئىسلامجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    بويسۇنماق (بۇ ئىسىمدا ئىسلام دىنى ئۇلۇغلانغان)

  • ئىشان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي مەرتىۋە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنە جەھەتتىن «پىر، شەيىخ» دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدۇ.

  • يۈكسەك

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈستۈن، ئىگىز، يۇقىرى، ئالىي

  • ئايخېنىم

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئايدەك خېنىم (بۇ ئىسىم بەزىدە «ئاينۇرخېنىم» دىن قىسقىرىپمۇ مۇشۇنداق ئاتىلىدۇ)

  • ئايزامان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زاماننىڭ گۈزىلى. ئەسلىيسى: «ئايزەمان».

  • ئەلقەم

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) لوقمىلار؛ (2) ئويۇلغان؛ (3) ئاچچىق تاۋۇز، دورا تاۋۇزى؛ (4) نېسىۋىسى كۆپ

  • سەدىرىدىن

    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».