كىشى ئىسىملىرى

  • زىيا
    (زىيام، زىيەم، زىيەك، زىياق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    نۇر، يورۇق. ئەسلىيسى «زىيائى»

  • سالىھ
    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • كۆلباي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەرد، سېخىي كىشى

  • نۇرزاد
    (نۇرزات) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    نۇر ئوغلى، نۇردىن تۆرەلگەن. ئىزاھات: «نۇرزاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئۆزبەگ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغۇچى

  • ئەكبەر
    (ئەكپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ھەممىدىن چوڭ، چوڭ ئوغۇل

  • سىنان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.

  • بەختى
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەخت؛ بەختلىك. ئىزاھات: ئەسلىيسى «بەخت». قازاق كىشى ئىسىملىرىدا «باقىت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

  • مىلاد
    (مىلات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۇغۇلغان كۈن، تۇغۇلغان ۋاقىت

  • شىپا
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    داۋا، داۋالاش، دورا؛ ساقايماق، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمەك. ئەسلىيسى «شىپائى».

  • قارائالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈچلۈك، باتۇر يىگىت

  • نائىل
    (نائىلجان، نايىل، نايىلجان، ناۋۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈتكىنىگە ئېرىشكۈچى

  • ئورخۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى بىر دەريانىڭ نامى؛ «بۈيۈك، يۈكسەك، ھۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  • ئۆزئەرك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆز ئەركىنلىكىنى قولىدا تۇتقۇچى

  • ئاينەزەر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نەزەردىكى قىز

  • ئايىمسارە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مېنىڭ خۇشال قىزىم

  • سىددىق
    (سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي

  • شىرئەلى
    (شىرەلى، شىرلى) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەلىدەك باتۇر، ئەلىدەك شىر سۈپەت؛ شىردەك ئەلى؛ ئەلىنىڭ شىردەك باتۇرى (ئەلى - چاھاريارلاردىن بىرى)

  • ئابدۇخەلىل
    (ئابدۇخېلىل، ئابدىخېلىل، خېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    («خەلىل» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش)

  • ئابدۇرەسۇل
    (ئابدۇروسۇل، ئابدۇرۇسۇل، روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رەسۇلنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) قۇلى، پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى

  • بەھرى
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) پايدا، مەنپەئەت، (2) ئەرەبچىدە دېڭىزنى ۋە دېڭىز قاتنىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ مىسىردا تۆۋەنكى مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.

  • مەركىت
    (مەكىت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) قەبىلە نامى، (2) يەر نامى

  • ھەق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».

  • ھۇسام
    (ھېسام، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىتتىك، ئۆتكۈر قىلىچ

  • ھىزبۇللا
    (ھىزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا تەرەپتە تۇرغۇچى، ئاللانىڭ جەڭچىلىرى، ئاللا پارتىيەسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئىلىك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قول

  • چوڭ
    (چوڭاق، چوڭەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، ھۆرمەتتە چوڭ؛ چوڭ ئوغۇل

  • شەرىپىدىن
    (شەرپىدىن، شەرپى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ شەرىپى، دىننىڭ ئۇلۇغ كىشىسى، دىننىڭ ئۇلۇغلۇقى. ئەسلىيسى «شەرىپىددىن».

  • ئابدۇلجاببار
    (ئابدۇجاپپار، ئابدىجاپپار، جاپپار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەجبۇر قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلجەببار».

  • گۈلئەھمەد
    (گۈلەخمەت، گۈلەمەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەھمەد: ئىسمى، گۈل: سۈپىتى