كىشى ئىسىملىرى
-
ھاسىب
(ھاسىپ، خاسىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 468
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ھېسابچى، (2) ئاتا جەمەت
-
ئاسىب
(ئاسىپ، ئاسىپجان، ئاسىپخان، ھاسىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 317
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاتا جەمەت
-
ھاسىل
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 340
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) نەتىجە، ئۈنۈم، (2) ئېسىل نەسەبلىك
-
ئاسىل
(ھاسىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 369
، ياقتۇرغانلار: 0
ئېسىل نەسەبلىك
-
ھاشىر
(ھاشى، ھاشىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) مەھشەر كۈنى ھەممىنى يىغقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)، (2) ئونىنچى ئوغۇل
-
ئاغىنە
(ئاغىنىخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 385
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاكا-ئىنىدەك بولماق. ئىزاھات: «ئاغىنىخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.
-
ئاشىق
(ھاشىق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىشىق ئوتىدا كۆيگۈچى، سۆيگۈچى، ياخشى كۆرگۈچى، سېغىنغۇچى
-
ھاكى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئىپادىلىگۈچى، ھېكايىچى، رىۋايەتچى، (2) چەۋگان توپى
-
ھالاۋەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 456
، ياقتۇرغانلار: 0
تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».
-
ھالالىدىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 365
، ياقتۇرغانلار: 0
دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».
-
ھامى
(ھامىجان، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 465
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاسرىغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلىگۈچى، يۆلەنچۈك، ھىمايىچى، ھىمايە قىلغۇچى. ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.
-
ھايات
(ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 464
، ياقتۇرغانلار: 0
تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».
-
ھاياتۇللا
(ئاياتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 345
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللا بەرگەن ھايات، ئاللا بەرگەن ھاياتلىق، ئاللا بەرگەن پەرزەنت
-
ھەبىب
(ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 378
، ياقتۇرغانلار: 0
دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ھەپىزۇللا
(ھەپىزۇل، ھەۋىزۇللا، ھەزىللا، ھېۋىزۇللا، ھېۋىزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللا ساقلىغان كىشى
-
ھەدەس
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 353
، ياقتۇرغانلار: 0
ياشلار
-
ھەدىد
(ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 358
، ياقتۇرغانلار: 0
تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)
-
ھەدىس
(خەدىس) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 440
، ياقتۇرغانلار: 0
يېڭى، زامانىۋى، يېڭى تىپتىكى؛ خەۋەر، سۆز، ھېكايە، گەپ-سۆز، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر، رىۋايەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى (بۇ يەردە ھەدىس ئۇلۇغلانغان)
-
ھەرىس
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 360
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللاغا ھېرىسمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ھەرىر
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 425
، ياقتۇرغانلار: 0
يىپەك، يىپەك مال، تاۋار
-
ھەربىدىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 0
دىننىڭ ئەسكىرى
-
ھەزرەت
(ھەزىرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناب، ئەزىز، ئۇلۇغ، جانابىي، ئەپەندى
-
ھەزرىتىپىر
(ھەزىرتىپىر، ھەزتىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 317
، ياقتۇرغانلار: 0
ھۆرمەتلىك ئۇستاز
-
ھەزرىتۇللا
(ھەزىرتۇللا، ھەزىتىللا، ھەزىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 304
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئاللانىڭ ھۆرمەتلىك كىشىسى، ئاللا ھۆرمەت ئاتا قىلغان كىشى؛ (2) «ھەزرىتى ئاللا» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرتىپ ئېيتىلىشى ياكى كىشى ئىسمى قىلىپ باشقىچە ئېيتىلىشى
-
ھەزرىتىم
(ھەزىرتىم، ھەزتۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 326
، ياقتۇرغانلار: 0
مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزىز ئوغلۇم؛ مېنىڭ ھۆرمەتلىكىم (بۇ يەردە يەنە «بىزنىڭ ئۇلۇغ پېشۋايىمىز» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)
-
ئەزىم
(ئازىم، ھازىم، ئايزىم، ھەزىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 340
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش
-
ھەسرەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 506
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەسرەت، قايغۇ
-
ھەق
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 398
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».
-
ھەللاجى
(ھىلاجى) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 326
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) چىغرىقچى، پاختا چىقارغۇچى، (2) پاختا ئاتماق، (3) ئىنچىكە تەھلىل قىلماق. ئىزاھات: «ئەلىھاجى» مۇ «ھىلاجى» غا ئۆزگىرىدۇ. «ھەللاجى» نىڭ ئەسلىيسى «ھەللاج»
-
ھەلىل
(ھېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 324
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەر ھەمراھ