كىشى ئىسىملىرى

  • مۇۋەسسىل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 165 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلىغۇچى، تۇتاشتۇرغۇچى، باغلىغۇچى، ئالاقە قىلغۇچى، ۋەسلىگە يەتكۈزگۈچى، ھەمراھ بولغۇچى، قوغداپ ماڭغۇچى، يېتەكلەپ ماڭغۇچى، يەتكۈزۈپ قويغۇچى ( بۇ ئىسىمدا پەرزەنتنىڭ نەسەبنى ئۇلىغۇچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ «مۇسىل» بىلەن ئاساسەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە)

  • مۇھەممەدئابدۇللا
    (مۇھەممەتئابلا، مەمەتئابلا، مەمەتاۋلا، مەمتابلا، مەمتاۋلا، مەتئابلا، مەتاۋلا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 107 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابدۇللا: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى («ئابدۇللا» مۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ئاللانىڭ بەندىسى، ئاللانىڭ قۇلى دېگەنلىك. بۇ ئىسىمغا بىر پۈتۈن مەنە بەرگەندە «ئاللانىڭ بەندىسى مۇھەممەد» دېگەن بولىدۇ)

  • مۇھەممەد
    (مۇھەممەت، مەھەممەت، مەخەممەت، مەمەت، مەممەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 99 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: دائىم مەدھىيەلەنگۈچى، مەدھىيە ئوقۇلغۇچى، ماختالغۇچى. ئىزاھات: «مۇھەممەد» نىڭ يەنە «مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. خوتەن شىۋىسىدە بۇ ئىسىم قىسقارتىلىپ كۆپىنچە «

  • مۇھىيدىن
    (مۇھىدىن، مويدىن، مويدىنجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 115 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىز باسارى. ئىزاھات: «مۇھىيدىن، مۇھىدىن» قاتارلىق ئىسىملار «مۇئىدىن» گە ئوخشاشلا «مەيدىن، مويدىن» لارغا ئۆزگىرىدۇ.

  • مۇھىبۇللا
    (مۇھىبۇل، مويبۇللا، مۇيبۇللا، مويبۇل، مۇيبۇل، مۇبۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 111 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ دوستى

  • مۇھلەت
    (مۆھلەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 115 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىللىق ،مۇلايىم، (2) ئېھتىماللىق بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىت

  • مۇھكەم
    (مەھكەم، مەككەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 183 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەزمۇت، مۇستەھكەم، پۇختا، ھىم

  • مۇھسىن
    (مۇخسىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 306 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياخشىلىق قىلغۇچى، كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل

  • مۇھتەرەم
    (مۇختىرەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 147 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك، ئەزىز. ئىزاھات: «مۇھتەرەم» يالغۇز تۇرغاندا ئاساسەن ئاياللارغا قويۇلىدۇ. ئايرىم ئەھۋاللاردا ئەرلەرگىمۇ قويۇلىدۇ. «ھاجى، جان، بەگ، باي» قاتارلىق ئەرلەرگە خاس قوشۇمچە ئىسىملار ياكى سۈپەتلەر ئۇلانغاندا ئومۇمەن ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • مۇھاپىز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 268 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رىئايە قىلغۇچى؛ ساقلىغۇچى؛ بانكىر، بانكا باشلىقى

  • مۇھاجىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 173 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    باشقا ئەلگە كۆچۈپ ياشىغۇچى

  • مۇپتۇللا
    (مۇپتۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 113 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى

  • مۇنەججىم
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 180 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يۇلتۇزشۇناس، يۇلتۇزغا قاراپ تەقدىرگە باھا بەرگۈچى

  • مۇنىرىدىن
    (مۇنىردىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 112 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ يورۇتقۇچىسى

  • مۇنىر
    (مۇنۇر، مۇنۇرجان، مۇنىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 146 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نۇرلۇق، پارلاق، نۇر چاچقۇچى، يورۇتقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مۇنتەزەر
    (مۇنتىزار، مۇتىزار، موتىزار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 111 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئارزۇ قىلىنغۇچى، ئۈمىد قىلىنغۇچى، مۆلچەر قىلىنغۇچى، ئارزۇ قىلىنغان (بۇ يەردە ئارزۇ قىلىنغان بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ)

  • مۇنئىم
    (مۇنىم، مۇنىجان، مۇنىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 104 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خەير-ساخاۋەتچى؛ شەپقەتچى

  • مۇقەررەر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 163 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مۇقىم، مەھكەم، بىكىگەن

  • مۇقەددەم
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 122 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رەھبەر، يېتەكلىگۈچى، ئاۋانگارت؛ تەقدىم قىلىنغان؛ بۇرۇنقى، بۇرۇن

  • مۇقەددەر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 181 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەقدىرلەنگەن؛ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ تەقدىرى بەلگىلەنگەن؛ مۆلچەر قىلىنغان

  • مۇقىت
    (مۇقايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 122 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پەرۋىش قىلغۇچى، ئوزۇقلاندۇرغۇچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • مۇقسىت
    (مۇخسىت، مۇخسىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 103 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئادىل

  • مۇقتەدۇللا
    (مۇختەدىل، مۇختىدىل، مۇقتىدىل، مۇقتەدىل، مۇقتىدىللا، مۇقتەدىللا، مۇختەدىللا، مۇختىدىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 112 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ چوقۇنغۇچىسى

  • مۇقبىل
    (مۇخپۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 157 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كەلگۈسى؛ ئالدىدا كەلگۈچى، كېيىنكى، كېلەركى

  • مۇقابىل
    (مۇقاۋۇل، مۇقاۋىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇچراشقۇچى، ئۇدۇلمۇئۇدۇل كەلگۈچى

  • مۇقائىد
    (مۇقائىت، مۇقايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 102 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قوماندان، يولباشچى

  • مۇشەررەپ
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 118 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، شەرەپلىك. ئىزاھات: «مۇشەررەب» مۇ «مۇشەررەپ» كە ئۆزگىرىدۇ. «مۇشەررەب» نىڭ مەنىسى: چىن يۈرەكتىن سۆيشكە ئېرىشكۈچى.

  • مۇشرىپ
    (مەشرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رەھبەر، باشقۇرغۇچى، مۇدىر، بۆلۈم باشلىقى، نازارەتچى

  • مۇشاھىد
    (مۇشاھىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 117 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆرگۈچى، تاماشىبىن

  • مۇسۇل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆرۈشكۈچى، ۋەسلىگە يەتكۈچى، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈچى