كىشى ئىسىملىرى

  • مۇھەممەد
    (مۇھەممەت، مەھەممەت، مەخەممەت، مەمەت، مەممەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 787 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 99 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: دائىم مەدھىيەلەنگۈچى، مەدھىيە ئوقۇلغۇچى، ماختالغۇچى. ئىزاھات: «مۇھەممەد» نىڭ يەنە «مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. خوتەن شىۋىسىدە بۇ ئىسىم قىسقارتىلىپ كۆپىنچە «

  • رۇزى
    (رۇزەم، رۇزىخان، رۇزەك، رۇزىجان، روزى، روزا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 734 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 89 ياقتۇرۇش

    كۈن، كۈندۈز (بۇ يەردە «رامىزان ئىچىدە تۇغۇلدى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • ئابدۇرەھمان
    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 694 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 47 ياقتۇرۇش

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئاماننىسا
    (ئاماننا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 612 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 27 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئايال

  • تۇغلۇق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 607 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    بايراقدار، بايراق تۇتقۇچى، بايرىقى بار، بايراقلىق

  • ئابدۇرەشىد
    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 645 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئەلقۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 2002 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 23 ياقتۇرۇش

    ئەلنىڭ بەختى

  • بەختىيار
    (بەختىيارخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 678 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 22 ياقتۇرۇش

    بەختى بىللە، بەخت يار بولغۇچى. ئىزاھات: «بەختىيارخان» مۇ ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • ئالتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 656 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 21 ياقتۇرۇش

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئەھمەد
    (ئەخمەت، ئەمەت، ئەمەق، ئەمەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 466 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    ئەڭ مەدھىيەلىگۈچى، بەك ماختىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • تاھىر
    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 537 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • توختى
    (توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 529 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.

  • تۇردى
    (تۇردەش، تۇردەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 507 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    پەرزەنتنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى، ئۇزاق ياشىشىنى تىلەپ قويۇلغان ئىسىم.

  • ئەركىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 807 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 19 ياقتۇرۇش

    ئەركە، ھۆر

  • تۆمۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 506 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 18 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى (بۇ يەردە تۆمۈردەك مەھكەم، چىداملىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ).

  • تۇرغۇن
    (تۇرغۇنجان، تۇغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 583 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 17 ياقتۇرۇش

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇرۇپ
    (تۇرۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 491 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 17 ياقتۇرۇش

    (1) كۆكتات ئىسمى، (2) تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇر
    (تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 589 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.

  • تۇرسۇن
    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 541 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • تۇرغان
    (تۇرغانجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 505 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇيغۇن
    (تايغۇن، تۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 976 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    ھوشيار، زېرەك

  • جامال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».

  • غەيرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1112 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    قىزغىنلىق، ئىپتىخار، غۇرۇر

  • نۇر
    (نۇرجان، نۇرەك، نۇراق، نۇرەش، نۇرەشخان، نۇرۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 853 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    نۇردەك گۈزەل ئوغۇل، كۆزۈمنىڭ نۇرى (بۇ يەردە پەرزەنت نۇرغا ئوخشىتىلغان بولۇپ كۆپىنچە «نۇر» نى «ئوغۇل» ياكى مۇنسىپ جايدا «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ). ئىزاھات: ئۇيغۇرلار «نۇر» نى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، ياكى پەرزەنتلىرىنى نۇرغا ئوخشىتىپ، «كۆزۈمنىڭ نۇر، نۇردەك گۈزەل

  • ئېيسا
    (ئەيسا، ئەيساجان، ئەيساق، ئېيساق، ئىساق، ئىسەك) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 851 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    ئېيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) كۆكۈل مەيدان؛ (2) ئاللانىڭ بايلىقى. باشقا ئاتىلىشى «ئىسا» (ئىئوس).

  • ئىلدار
    (ئەلدەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 870 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    ئەل سۆيەر؛ ئەل تۇتقۇچى، دۆلەتمەن. ئىزاھات: «ئىلدار» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ ھەم «ئەلدار» بىلەن ئوخشاش مەنىگە ۋە ئۆزگىرىشكە ئىگە.

  • باھادىر
    (باتۇر، باتۇ، باتۇش) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 689 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    قورقماس، يۈرەكلىك. ئەسلىيسى «بەھادىر، بەھادىرخان، بەھائىددىن».

  • جۇرئەت
    (جۈرەت، جۈرئەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 602 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    دادىل بولماق، جەسۇرلۇق قىلماق

  • خالىق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 803 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    ياراتقۇچى

  • سۇبات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 621 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق