كىشى ئىسىملىرى

  • قوچقار
    (قوشقار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 419 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    قوينىڭ ئەركىكىنىڭ نامى

  • قۇتلۇق
    (قۇتلۇقجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1245 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بەختلىك

  • قۇدرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 545 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    كۈچ، ھوقۇق

  • كۈرەش
    (كۈرەشجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 508 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    جەڭ، ئېلىشماق

  • لەتىپ
    (لاتىپ، لېتىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 337 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    شەپقەتلىك، كۆيۈمچان، ئىللىق، مۇلايىم، يۇمشاق (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • مەسئۇد
    (مەسخۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 388 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، تەلەيلىك

  • مەقبۇل
    (مەخپۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 302 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەلىپى قوبۇل بولغۇچى؛ مۇۋاپىق، ئۇيغۇن

  • مۇستاپا
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 371 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تاللانغان، خىللانغان؛ پاك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مۇنىر
    (مۇنۇر، مۇنۇرجان، مۇنىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 405 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    نۇرلۇق، پارلاق، نۇر چاچقۇچى، يورۇتقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مۇقبىل
    (مۇخپۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    كەلگۈسى؛ ئالدىدا كەلگۈچى، كېيىنكى، كېلەركى

  • مۇھەممەدئابدۇللا
    (مۇھەممەتئابلا، مەمەتئابلا، مەمەتاۋلا، مەمتابلا، مەمتاۋلا، مەتئابلا، مەتاۋلا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 330 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئابدۇللا: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى («ئابدۇللا» مۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ئاللانىڭ بەندىسى، ئاللانىڭ قۇلى دېگەنلىك. بۇ ئىسىمغا بىر پۈتۈن مەنە بەرگەندە «ئاللانىڭ بەندىسى مۇھەممەد» دېگەن بولىدۇ)

  • مۇھىيدىن
    (مۇھىدىن، مويدىن، مويدىنجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 391 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىز باسارى. ئىزاھات: «مۇھىيدىن، مۇھىدىن» قاتارلىق ئىسىملار «مۇئىدىن» گە ئوخشاشلا «مەيدىن، مويدىن» لارغا ئۆزگىرىدۇ.

  • مىرئادىل
    (مىرادىل، مۇرادىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 367 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئادىل بەگ، ئادىل ئەر. ئىزاھات: «مۇراددىل، مۇرادۇللا» مۇ «مىرادىل» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • مىرزاد
    (مىرزات، مىرزەت) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بەگ بالىسى، بەگ ئەۋلادى. ئىزاھات: «مىرزاد» مۇ «مىرزات» قا ئۆزگىرىش بىلەن بىللە، ئەرەبچىدە ئەسلىي ئىسىم بولۇشىمۇ مۇمكىن (ئەرەبچىدە «مىرزات» بولغاندىمۇ «مىرزاد» بىلەن يېقىن مەنىدە «بەگ نەسلى» دېگەن بولىدۇ)

  • نەبى
    (نەبىجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 358 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئالدىن بىلگۈچى، خەۋەرچى، خەۋەر يەتكۈزگۈچى، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • نەجمىدىن
    (نەژمىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 386 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ يۇلتۇزى. ئەسلىيسى «نەجمىددىن»

  • نەسرىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 365 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ نۇسرىتى، غەلىبىسى. ئەسلىيسى «نەسرىددىن».

  • نۇرتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تايچاقتەك شوخ ئوغۇل

  • نىزاممۇھەممەد
    (نىزامەت، نىزەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 347 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    نىزام: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى (مۇھەممەدنىڭ تەرتىپ-تۈزۈملىرى)

  • نىزامىدىن
    (نىزاق، نىزامۇق، نىزەمۇق، نىزۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 420 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى

  • ھاپىز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 429 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھاجى
    (ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 465 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى

  • ھارۇن
    (ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 377 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل

  • ھەزرىتىئەلى
    (ھەزىرتېلى، ھەزتېلى، ھىزتىلى، ھەزتىلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 344 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ھەزرىتى ئەلىدەك ئوغۇل (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى ئۇلۇغلانغان)

  • ھەزىم
    (ھەزىمجان، ھېزىم، ھېزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ئوتۇن، ئوتۇنچى، (2) ئىرادىلىك، قەتئىي، كەسكىن، (3) گۈلدۈرماما، (4) ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش. ئىزاھات: «ئەزىم» مۇ «ھەزىم» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمدۇللا
    (ھەمدۇل، ئەمدۇللا، ئەمدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 333 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاللانى مەدھىيەلىمەك. ئىزاھات: «ھەمىدۇللا» مۇ «ھەمدۇللا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمىد
    (خەمىت، ئىمىت، يىمىت، ھېمىت، ھىمىت، ئىمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 327 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ماختاشقا لايىق، ئاقىۋىتى ياخشى، سالامەت

  • ۋاھىد
    (ۋايىت، گايىت، گايتەم، گىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 675 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بىر، يەككە، يالغۇز (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئىرشاد
    (ئىرشات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 414 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    يول كۆرسەتمەك، تەلىم بەرمەك، توغرا يولغا باشلىماق

  • ئىسكەندەر
    تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 393 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىرنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى