كىشى ئىسىملىرى
-
ھەسەن
(ھەسەنجان، ھەسۇنق، ھەسەك، خەسەن، ھاسان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 12
ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھۈسەيىن» (ھۈسەن) قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھا
-
ھەكىم
(ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 386
، ياقتۇرغانلار: 12
ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)
-
ھەلىم
(ھېلىم، ھېلىمجان، ھېلەك، ھەلەك، ھىلەك، خالىم، خەلىم، خەلىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 351
، ياقتۇرغانلار: 12
(1) ياۋاش، تاقەتلىك، كەڭ قورساق، مۇلايىم، (2) ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)
-
ئوسمان
(ئوسمانجان، ئوسمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 394
، ياقتۇرغانلار: 12
كىچىك يىلان، يىلان بالىسى. ئىزاھات: «ئوسمان» نىڭ ئەسلىيسى «ئۇسمان». گەرچە بۇ ئىسىمنىڭ قەدىمكى ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنى چاھاريارلادىن بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويغان.
-
ئۇشۇر
(ھۇشۇر، ھوشۇر، ھوشۇرەم، ھوشۇرجان، ھۇشۇرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 12
(1) ئۇشۇر (ئاشۇرا) ئېيىدا تۇغۇلغان، (2) ئوندىن بىر (ئۆشرە)، زاكات
-
ئۆركەش
(ئېركەش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 405
، ياقتۇرغانلار: 12
سۇ ئۆركىشى؛ ئۆركەشلىمەك (بۇ يەردە، سۇ ئۆركىشىدەك شوخ، تىمەن، جانلىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)
-
ئۈمىد
(ئۈمىت، ئۈمىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 12
ئىشەنچ، ئېتىقاد؛ ئارزۇ. ئەسلىيسى «ئۇمىد».
-
ئىسلاھات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 357
، ياقتۇرغانلار: 12
ياخشىلىماق، ئۆزگەرتمەك، تۈزەتمەك
-
ئىشان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 398
، ياقتۇرغانلار: 12
بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي مەرتىۋە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنە جەھەتتىن «پىر، شەيىخ» دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدۇ.
-
ئىنايەت
(ئانايەت، ئانايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 368
، ياقتۇرغانلار: 12
غەمخورلۇق، ئىلتىپات، ئاسراش، ياردەم، ئەھمىيەت بەرمەك
-
يار
(يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 418
، ياقتۇرغانلار: 12
دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا
-
يارمۇھەممەد
(يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە
كۆرۈلۈشى: 379
، ياقتۇرغانلار: 12
مۇھەممەدنىڭ دوستى
-
يۇنۇس
(يونۇس، يۈنۈس، يونۇسجان) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 367
، ياقتۇرغانلار: 12
يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈلپەت. ئەسلىيسى «يۇۋانىس».
-
ئازادە
(ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 446
، ياقتۇرغانلار: 12
ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك
-
ئالماس
(ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 607
، ياقتۇرغانلار: 11
مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)
-
تەۋپىق
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 566
، ياقتۇرغانلار: 11
مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب
-
تىلىۋالدى
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 464
، ياقتۇرغانلار: 11
ئاللادىن پەرزەنت تىلىۋالدى.
-
جاببار
(جاپپار، جەپپە) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 634
، ياقتۇرغانلار: 11
مەجبۇر قىلغۇچى؛ كۈچلۈك؛ قۇدرەتلىك، غايەت زور. ئەسلىيسى «جەببار».
-
دولقۇن
(دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 594
، ياقتۇرغانلار: 11
بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
-
ئاتىللا
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 607
، ياقتۇرغانلار: 11
ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
-
قۇتيار
تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 570
، ياقتۇرغانلار: 11
باخت يار بولغاي
-
بارخان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 637
، ياقتۇرغانلار: 11
قۇم دۆۋىلىرى
-
كەنجى
(كەنجەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 471
، ياقتۇرغانلار: 11
كېيىن تۇغۇلغان (كىچىك ئوغۇل)
-
مەقسۇد
(مەخسۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 321
، ياقتۇرغانلار: 11
كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن، ئارزۇ قىلغان، مەقسەت قىلغان، تىلىگەن.
-
مۇنىرىدىن
(مۇنىردىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 391
، ياقتۇرغانلار: 11
دىننىڭ يورۇتقۇچىسى
-
نەۋكەر
(نوكەر، نۆكەر) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 589
، ياقتۇرغانلار: 11
يېڭى ئەسكەر؛ قۇل، چاكار، ياللانغۇچى، ياللانما ئەسكەر
-
ھىدايەت
(ھىدايە، ھىدايى، ھىدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 471
، ياقتۇرغانلار: 11
توغرا يول، توغرا يولغا يېتەكلىمەك؛ توغرا يول تاپماق
-
ئۇيغۇر
(ئۇيغۇرجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 1611
، ياقتۇرغانلار: 11
مىللەت نامى (ئۇيۇشقان)
-
ئىدرىس
(ئەدرىس، ئىرىس) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 505
، ياقتۇرغانلار: 11
ئۇرۇق چاچقۇچى، دېھقان (ئىدرىس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى)
-
ئارزۇ
(ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 700
، ياقتۇرغانلار: 11
(1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ