كىشى ئىسىملىرى

  • ئېھرام

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەج پائالىيتىدىكى بىر تۈرلۈك قائىدە؛ قوغداش كىيىمى

  • ئېھتىيات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاۋايلىماق، دىققەت قىلماق

  • ئېھسان

    (ئېھسانجان، ئىكسان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 732كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياخشىلىق، ياخشى سۈپەت، ياخشى ئەخلاق، ياخشى نىيەت، سەدىقە، ياخشى ئەمەل

  • ئېيد

    (ھېيىت، ھېيتاق، ھېيتەم، ئەيتۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 502كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تەكرارلىنىدىغان كۈن (بۇ يەردە «ھېيىت كۈنى تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ ياكى «پەرزەنت تۇغۇلۇپ، ئۆيىمىزدە ھېيىت بولدى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن)

  • ئىبرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 578كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ساۋاق، ئاگاھلاندۇرۇش

  • ئىتائەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 454كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بويسۇنماق، ئەمرىنى تۇتماق

  • ئىجابەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاۋب بەرمەك؛ جاۋاب قايتۇرماق، ئۇنىماق؛ جاۋابقا ئېرىشمەك (بۇ يەردە ئاتا-ئانىنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ، ئاللانىڭ بىر پەرزەنت بەرگەنلىكىگە شۈكرى قىلىش ھېسسىياتى ئىپادىلىنىدۇ)

  • ئىجاد

    (ئىجات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 472كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاپماق، پەيدا قىلماق، ياراتماق، بەرپا قىلماق، كەشىپ قىلماق

  • ئىجادۇللا

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ كەشپىياتى، ئىجادىيىتى

  • ئىختىيار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 498كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاللىماق، ئىلغىماق

  • ئىخلاس

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 457كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سادىقلىق («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)

  • ئىخۋان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1136كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاكا-ئۇكا، قېرىنداش

  • ئىرەم

    (ئەرەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 577كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جەننەت

  • ئىزباسار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 412كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى باسىدۇ

  • ئىزبول

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 419كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىزباسار بول

  • ئىزبىل

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 409كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىم ئىزدە؛ ئىزىڭنى بىل

  • ئىززىتۇللا

    (ئىزىتۇل، ئىززىتۇل، ئىزىتۇللا، ئىزىتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 393كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ ھۆرمىتى؛ ئاللانىڭ ئىززەتلىك كىشىسى. ئەسلىيسى «ئىززەتۇللا».

  • ئىپتىخار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 775كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پەخىرلەنمەك

  • ئىخبار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خەۋەر، ئاخبارات. خەۋەرچىلىك

  • ئىزھار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 534كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاشكارىلىماق، ئوچۇقلاشتۇرماق

  • ئىزىم

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 390كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مېنىڭ ئىزىمنى باسقۇچى، مېنىڭ ئىز باسارىم

  • ئىسار

    (ئىسارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 414كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خىللانغان، تاللانغان

  • ئىسارۇللا

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 388كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا تاللىغان، ئاللا ئەۋزەل كۆرگەن كىشى

  • ئىسام

    (ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئۆز كۈچىگە تايانغۇچى، (2) جەڭ كەمىرى

  • ئىسپەندىيار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 397كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قەدىمكى ئىران پالۋانلىرىدىن بىرىنىڭ نامى

  • ئىسرا

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 467كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كېچىلىك سەپەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەپىرى)؛ «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى

  • ئىسراپىل

    تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 402كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ قۇلى

  • ئىسرار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چىڭ، مەھكەم تۇرماق (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ جېنى چىڭ، ئىرادىلىك بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان)

  • ئىسرائىل

    (ئىسرايىل، ئىسراق، ئىسرايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 566كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى. مەنىسى: ئاللانىڭ جەڭچىسى

  • ئىسلامقۇل

    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 384كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىسلام دىنىنىڭ قۇلى، ئىسلام دىنىغا قۇللارچە خىزمەت قىلغۇچى