كىشى ئىسىملىرى

  • خوجا

    (خوجام، غوجا، غوجام، غوجى، خوجاش، غوجەش، خوجاق، غوجاش، غوجاق، غوجەك،غوجەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 834كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇستاز، خوجايىن؛ ئىگە. ئىزاھات: «خوجا» ئەسلىدە «خۇاجە، خاجە، خوجە» دېيىلسىمۇ، ئادەت بويىچە «خوجا» دەپ ئېلىندى. ئۇ مەنە جەھەتتىن «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەنلىك بولۇپ، بەزىدە كۆچمە مەنىسى بولغان «ئىگەم، ئاللا» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلە

  • خۇدابەردى

    (خۇداۋەدى) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 600كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    خۇدا بىر ئوغۇل بەردى، خۇدا بەرگەن ئوغۇل

  • خۇدايار

    (خۇدايا، خۇدىيار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 525كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    ئوغلۇمغا خۇدا يار بولغاي

  • خەبىر

    (خېۋىر، خەپىر، خەۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن خەۋەردار، تەجرىبىلىك، مۇتەخەسىس، ئۇستا (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • خەلىل

    (خەلەك، خېلىل، خېل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 498كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش.

  • خەيرۇللا

    (خەيرۇل، خەيرىل، خەيرىللا، خەيرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 570كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ ياخشىلىقى، ئاللانىڭ ياخشى كىشىسى

  • دائى

    (داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 481كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • دادىل

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1076كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جۈرئەتلىك

  • دانىش

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • دانىشيار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 414كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى

  • دانىيال

    (دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.

  • داۋامەت

    (دۇگامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    دائىملىق، مەڭگۈلۈك. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «دەۋامەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىسىم «دۇگامەت» كە ئۆزگىرىپ، «دۇئامەد، دۇئامۇھەممەد» لەرنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • داۋۇد

    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • دولان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 436كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دولقۇن

    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 647كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • دىلشاد

    (دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 480كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل

  • دىلمۇراد

    (دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    كۆڭۈل ئارزۇسى

  • دىلمۇھەممەد

    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 543كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىليار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 515كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان

  • دىيار

    (دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە

  • دىۋان

    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 482كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو

  • دۆلەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 893كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان

    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 674كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دەرمان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 591كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دەۋران

    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    زامانلار، دەۋرلەر؛ ئايلىنىش

  • رابات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 835كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رايون، شەھەر ئەتراپى؛ قونالغۇ، دەڭ، مېھمانخانا، ئۆتەڭ

  • راززاق

    (رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 505كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆپ رىزقى بەرگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «رەززاق»

  • رازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 462كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى

  • رازىق

    (راسىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رىزقى بەرگۈچى