كىشى ئىسىملىرى

  • قارى
    (قارىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 951 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    ئوقۇغۇچى (قىرائەت قىلغۇچى)

  • تەۋەككۈل
    (تەۋەككۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 528 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرماق

  • دانىش
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 556 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • رەھمان
    (راخمان، رەخمان، رەخىمجان، رامان، رىمان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 661 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    مېھرى-شەپقەتلىك، رەھىمدىل (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). «رەھىم» مۇ «رەخىم، رەخىمجان» غا ئۆزگىرىدۇ ۋە «رەھمان» نىڭ قىسمەن ئۆزگىرىشلىرىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • رەھىم
    (رېھىم، رايىم، رەيىم، رېخىم، رەخىم، رەخى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 616 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    رەھىمدىل، رەھىملىك، شەپقەتلىك، كۆيۈمچان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. ئەگەر بۇ ئىسىم «الـ» بىلەن كەلسە، ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «رەھىم» كۆپىنچە «الـ» بىلەن كېلىپ، «ئابدۇ» قوشۇلۇپ، رەھىم-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • سەئىد
    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 457 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • پەخرى
    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 552 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • كامىل
    (كامىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    تولغان، يېتىلگەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھىكمەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 622 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    ئىلىم-ھېكمەت، ھېكمەتلىك سۆز؛ مۆجىزە؛ ئەقىل، پەلسەپە

  • ئۆمەر
    (ئەمەر، ھۆمەر، ھەمەر، ھەمىر، ھەمىرجان، ئۆمەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 569 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    چاھاريارلاردىن بىر بولغان ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىزدە كۆپ ھاللاردا «ئۆمەر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەنىسى: ئاۋات، بوستان، مەمۇرچىلىق. ئەسلىيسى «ئۇمەر».

  • ۋاھاب
    (ۋاھاپ، ۋاخاپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بەك سېخىي (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «ۋەھھاب».

  • ئىبراھىم
    (ئىبرايىم، ئۇرايىم، ئىبراش، ئىراش، ئىبراي) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 491 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللاغا بويسۇنغۇچى، (2) ھۆرمەتلىك. ئىزاھات: «ئىبراھىم» نىڭ باشقا ئاتىلىشى «ئەبىھرام» دۇر.

  • ياسىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • يولبارس
    (يولۋاس، يولۋاسجان، يولۋاسخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 458 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    ھايۋان ئىسمى (بۇ يەردە ئوغۇل پەرزەنتنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش باتۇر، يۈرەكلىك چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان). ئىزاھات: «يولۋاسخان» پەقەت ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • يۈسۈپ
    (يۈسۈپجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 440 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: كۆپەيتىلگەن. ئەسلىيسى «يۇسۇپ» (ئىئوسىپ).

  • ئابدۇلئەزىز
    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 619 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئەزىز
    (ئېزىز، ھەزىز، ھېزىز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك، سۆيۈملۈك، قىممەتلىك، شەرەپلىك، كۈچلۈك، قەدىرلىك (بۇ ئىسىم «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • جەسۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 464 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    شىجائەتلىك، باتۇر، قەيسەر؛ دادىل، جۈرئەتلىك، جاسارەتلىك

  • جەلىل
    (جېلىل، جەللى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، شانلىق، پارلاق

  • جۈمە
    (جۈمەك، جۇماق، جۇماش، جۇمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 485 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    يىغىلغان، توپلانغان كۈن (بۇ يەردە جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ياكى جۈمە كۈنى تۇغۇلغان پەرزەنتنى تەبرىكلەش مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ)

  • داۋۇد
    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 467 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • رەجەب
    (رەجەپ، رەجەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 452 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    (1) ھۆرمەتلىك، (2) رەجەب ئېيىدا تۇغۇلغان

  • زاھىد
    (زاھىت، زايىت، زايىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 609 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار، دىندار

  • سەردار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 469 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • شەۋكەت
    (شاۋكەت، شۆكەت، شۆۋكەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 515 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھەيۋەت، ئۇلۇغ، كۈچلۈك

  • شۇكۇر
    (شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 481 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    شۈكۈر قىلماق، رەھمەت ئېيتماق

  • قەييۇم
    (قايۇم، قېيۇم، قەيۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 479 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھازىر تۇرغۇچى، تەييار تۇرغۇچى؛ ھەممىنى باشقۇرغۇچى

  • قۇربان
    (قۇۋان، قۇۋانجان، قۇنەك، قۇنام، قەنەك، قوناش، قۇنەش، قوناق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 549 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا بېرىلگەن نەرسە؛ تۆھپە قوشماق، قۇربان بەرمەك، ئۆزىنى تەقدىم قىلماق (بۇ يەردە «قۇربان ھېيىت كۈنلىرى تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • مەھمۇد
    (مامۇت، مامۇش، مامۇق، مامىخان، مەخمۇت، ماخمۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ماختالغۇچى، مەدھىيەلەنگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)