كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇرەقىب

    (ئابدۇرېقىپ، رېقىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇرەھمان

    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 772كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 47

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئابدۇرەھمەت

    (ئابدۇرەخمەت، ئابدىرەخمەت، ئابىرەخمەت، رەخمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەھمەتكە سازاۋەر كىشى؛ رەھمەتنىڭ قۇلى («رەھمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى).

  • ئابدۇرەھىم

    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئابدۇزاھىر

    (ئابدۇزايىر، ئابدىزاھىر، ئابدىزايىر، ئابزاھىر، ئابزايىر، ئەبزاھىر، زاھىر، زايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى ئوچۇقلاشتۇرغۇچى، ھەممىنى ئاشكارا قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى («زاھىر» ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئابدۇزۇنۇن

    (ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زۇنۇننىڭ قۇلى («زۇنۇن» يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى بولۇپ، مەنىسى: بېلىق بىلەن بىللە)

  • ئابدۇزەپەر

    (ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زەپەرنىڭ قۇلى («زەپەر» نىڭ مەنىسى: غەلىبە)

  • ئابدۇسابىت

    (ئابدۇساۋۇت، ئابدىساۋۇت، ساۋۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سابىتنىڭ قۇلى؛ مۇستەھكەم ئادەم

  • ئابدۇسابىر

    (ئابدۇساۋۇر، ئابدىسابىر، ئابدىساۋۇر، سابىر، ساۋۇر، ئابدىساۋىر، ساۋىر، ساۋىراخۇن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سابىرنىڭ قۇلى («سابىر» نىڭ مەنىسى: سەبىرى-تاقەت قىلغۇچى. بۇ يەردە «سەبرى-تاقەتلىك كىشى، سەۋرچان كىشى» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ)

  • ئابدۇساتتار

    (ئابدىساتتار، ساتتار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەيبلەرنى ياپقۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇسالام

    (ئابدىسالام، ئابسالام، سالام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 667كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سالامەتلىكنى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇسالىھ

    (ئابدۇسالى، ئابدۇسەلەي، ئابدىسەلەي، ئابدىسالى، ئابسالى، سالى، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 389كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سالىھنىڭ قۇلى («سالىھ» مۇھەممەد ئەلەيىھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ئادىل، ياخشى كىشى)

  • ئابدۇسۇپى

    (ئابدۇسوپى، ئابدىسوپى، سوپى، سۇپى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سوپىنىڭ قۇلى؛ سوپى ئادەم

  • ئابدۇسەئىد

    (ئابدۇسايىت،ئابدىسەئىد، ئابدىسايىت، ئابدىسەيىت، ئابسايىت، ئابدىسىيىت، ئابسەيت، سايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 422كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەئىدنىڭ قۇلى («سەئىد» نىڭ مەنىسى:بەختلىك، بەخت. بۇ يەردە «بەختلىك ئىنسان، خۇشال كىشى» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ)

  • ئابدۇسەبىر

    (ئابدىسەبىر، سەبىر، سەۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەبىرنىڭ قۇلى («سەبىر» نىڭ مەنىسى: سەبىرى-تاقەت قىلغۇچى. بۇ يەردە «سەبرى-تاقەتلىك كىشى، سەۋرچان كىشى» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ)

  • ئابدۇسەبۇر

    (ئابدۇس، ئابدۇسوپۇر، ئابدىسوپۇر، سوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەر-تاقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇسەلىم

    (ئابدۇسېلىم، ئابدىسېلىم، سېلىم، سېلىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 414كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەلىمنىڭ قۇلى؛ تىنچ، ساغلام كىشى

  • ئابدۇسەمىئ

    (ئابدۇسەمى، ئابدىسەمى، سەمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇسەمەد

    (ئابدۇسەمەت، ئابدىسەمەت، ئابدىسىمەت، ئابسىمەت، ئابسەمەت، سەمەت، سىمەت، ئاپسەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    موھتاجلارنى ھاجىتىدىن چىقارغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇسەييىد

    (ئابدۇسېيىت، ئابدىسىيىت، ئابسىيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: خوجا، ئۇستاز. بۇ يەردە «خوجىمىز مۇھەممەد پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • ئابدۇشاكىر

    (ئابدىشاكىر، شاكىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 401كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شاكىرنىڭ قۇلى؛ شۈكۈر قىلغۇچى ئادەم، رەھمەت ئېيىتقۇچى كىشى («شاكىر» نىڭ مەنىسى: شۈكرى قىلغۇچى، رەھمەت ئېيىتقۇچى)

  • ئابدۇشەرىپ

    (ئابدۇشېرىپ، ئابدىشىرىپ، شرىپ، شىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 386كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەرىپنىڭ قۇلى («شەرىپ» نىڭ مەنىسى: مۇنەۋۋەر، ئېسىل، ھۆرمەتلىك، ئالىي، شەرەپلىك. بۇ يەردە «ھۆرمەتلىك كىشى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • ئابدۇشەرەپ

    (ئابدىشەرەپ، ئابشەرەپ، شاراپ، شەرەپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 432كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەرەپنىڭ قۇلى («شەرەپ»نىڭ مەنىسى: پەخىر، ئالىي سالاھىيەت، يۈكسەك ئورۇن. بۇ يەردە «شەرەپلىك كىشى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • ئابدۇشەكۇر

    (ئابدۇشۈكۈر، ئابدىشۈكۈر، شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 485كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    رەھمەت (شۈكۈر) نى قوبۇل قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇقابىل

    (ئابدىقاۋۇل، ئابدىقاۋۇل، قاۋۇل، قاۋۇلجان، قاۋۇلۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 486كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قابىلنىڭ قۇلى؛ قابىلىيەتلىك كىشى؛ قوبۇل قىلغۇچى

  • ئابدۇلئەزىز

    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 476كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلئەزىم

    (ئابدۇلئېزىم، ئابدۇھەزىم، ئابدىلئېزىم، ئابدىئېزىم، ئابدىزىم، ئابدەزىم، ئابلېزىم، ئابلىزىم، ئابدىسىم، ئابدىھېزىم، ئېزىم، ھېزىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 479كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ، كاتتا ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلئەلى

    (ئابدۇئەلى، ئابدىئەلى، ئابدەلى، ئابلەلى، ئابدۇلى، ئەلى، ئېلى، ئەلىخان، ئېلىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن ئۈستۈن ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلئەھەد

    (ئابدۇلئەھەت، ئابدۇلئەخەت، ئابدىلئەخەت، ئابلەخەت، ئابلەھەت، ئابلاھەت، ئابلەت، ئابلەم، ئاۋلەت، ئاۋلەتجان، ئەخەت، ئەھەت، ئەخەم، ئەخىنىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 699كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 5

    بىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلباقى

    (ئابدۇباقى، ئابدىۋاقى، باقى، ئابدۇۋاقى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەڭگۈلۈك ئاللانىڭ بەندىسى