كىشى ئىسىملىرى

  • دەرمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 449 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 533 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دولان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 377 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دۆلەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 820 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان
    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 620 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دىلمۇھەممەد
    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 476 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىۋان
    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو

  • رابات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 787 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رايون، شەھەر ئەتراپى؛ قونالغۇ، دەڭ، مېھمانخانا، ئۆتەڭ

  • رازى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى

  • راشىد
    (راشى، راشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 489 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پاراسەتلىك، ئاقىل، يېتىلگەن؛ توغرا يولدا ماڭغان؛ ئويغاق، ھوشيار، سەزگۈر

  • راشىدىن
    (راشىتىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 436 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچى. ئەسلىيسى «راشىددىن»

  • رامىزان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 555 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • رەشىدۇللا
    (رەشىدۇل، رەشىتۇل، رەشىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 370 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا يول كۆرسەتكەن، توغرا يولدا ماڭغان كىشى

  • رەھمىتۇللا
    (رەمىتىللا، رەخمىتۇللا، رەخمىتۇل، رەمتىللا، رەمتۇل، رەمتىل، رەھمىتۇل ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 515 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ رەھمىتى، ئاللانىڭ شەپقىتى. ئەسلىيسى «رەھمەتۇللا».

  • رەئۇپ
    (راۋۇپ، راۋۇپجان، رەۋۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شەپقەت قىلغۇچى، رەھىمدىل (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتىلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «رەئۇپ» مۇ «الـ» بىلەن كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

  • رۇستەم
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 960 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رىۋايەتلەردىكى پارس قەھرىمانى، مەشھۇر پالۋان، ئىستېمال مەنىسى: (1) باھادىر، قەھرىمان، (2) مەخپىي

  • زەپەر
    (زۇپەر، زۇپار، زىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 476 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غەلىبە، نۇسرەت

  • زەكەرىيا
    (زىكرىيا، زىكىيا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانى يادلىغۇچى، (2) ئاللانى ئەسلىگۈچى

  • زەكى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، زېرەك، ئۆتكۈر، ياخشى، تازا، گۇناھسىز، پاك؛ گۈزەل

  • زەيىد
    (زەيت، زىيت، زەيتجان، زەيتى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئارتۇق

  • زوقلان
    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 467 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئوغۇل

  • زىكرۇللا
    (زىكرىللا، زىكرۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 353 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دائىم ئاللانى ياد ئەتكۈچى؛ ئاللانىڭ نامىنى زىكرى قىلماق

  • زىكرى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 350 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يادلىماق، ئەسلىمەك، تەكىتلىمەك، خاتىرىلىمەك؛ دۇئا؛ ئاللانى ياد ئەتمەك

  • سابىق
    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 361 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سادات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 331 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى

  • سالىھ
    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 409 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • ساھابە
    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • ساھىب
    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سايرام
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 426 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  • سايران
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 395 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.