كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇرەھمان
    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 349 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 47 ياقتۇرۇش

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئاماننىسا
    (ئاماننا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 254 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 27 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئايال

  • ئابدۇرەشىد
    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 307 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئالتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 319 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 21 ياقتۇرۇش

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 342 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئازادە
    (ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 146 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك

  • ئاتىللا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 301 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئارزۇ
    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 328 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئايتۆرە
    (ئايتۆرەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ م تىل كۆرۈلۈشى: 128 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    چىرايلىق ۋە ئېسىل نەسەبلىك

  • ئايدەنا
    (ئايدانا، ئايدەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 129 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، دانىشمەن، بىلىملىك قىز

  • ئارمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 338 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئاتائۇللا
    (ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 276 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل

  • ئاتلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 281 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • ئائىشە
    (ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 260 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە

  • ئايلا
    (ئايلىخان، ئايلام، ئايلىقىز، ئايلامخان، ئايلىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 11 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاچا، ھەدە؛ ئاچا ئورنىدىكى قىز

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 303 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە
    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 280 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئايگۈل
    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 12 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئاينۇر
    (ئاينۇرەم، ئاينۇرخان، ئاينۇرقىز، ئاينۇرگۈل، ئاينىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 11 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاي نۇرىدەك گۈزەل قىز. ئەسكەرتىش: «ئاينىم» بولسا «ئايىنىم» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئادىلە
    (ئادىلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 277 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    ئادىل ئايال

  • ئادالەت
    (ئادالەتخان، ئادالەتگۈل، ئادالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 322 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    ئادىللىق، خالىسلىق؛ قانۇن. ئەسلىيسى «ئەدالەت»

  • ئالما
    (ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز، ئاممىگۈل، ئاممىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 297 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان)

  • ئانا
    (ئانىخان، ئانىقىز، ئانىقىزخان، ئانىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 258 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا «ئانا» ئۇلۇغلانغان ۋە قىز پەرزەنتكە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان

  • ئارسلان
    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئابدۇلئەھەد
    (ئابدۇلئەھەت، ئابدۇلئەخەت، ئابدىلئەخەت، ئابلەخەت، ئابلەھەت، ئابلاھەت، ئابلەت، ئابلەم، ئاۋلەت، ئاۋلەتجان، ئەخەت، ئەھەت، ئەخەم، ئەخىنىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    بىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئالىيە
    (ئالىيەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 149 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    ئۈستۈن، يۈكسەك

  • ئايىمنىسا
    (ئايمىسا) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 15 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    ئايىم: ئىسمى، نىسا: قوشۇمچىسى (ئايدەك گۈزەل ئايال)

  • ئالماس
    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 369 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئازادگۈل
    (ئازاتگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 275 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    ئەركىن قىز، ئەركىنلىك گۈلى

  • ئاسىيە
    (ئاسىخان، ئاسىيەم، ئاسىگۈل، ئاسىيخان، ئاسىيگۈل، ھاسىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 255 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    (1) چىقىشقاق، تىنچ، خاتىرجەم (2) دورا، داۋا