كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇرەھمان
    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 753 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 47 ياقتۇرۇش

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئاماننىسا
    (ئاماننا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 658 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 27 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئايال

  • ئابدۇرەشىد
    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 684 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئالتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 702 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 21 ياقتۇرۇش

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئابدۇلئەزىز
    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 454 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 658 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئازادە
    (ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 487 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك

  • ئالماس
    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 640 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئاتىللا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 647 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئارزۇ
    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 752 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئايتۆرە
    (ئايتۆرەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ م تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    چىرايلىق ۋە ئېسىل نەسەبلىك

  • ئايدەنا
    (ئايدانا، ئايدەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، دانىشمەن، بىلىملىك قىز

  • ئابدۇرەھىم
    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 478 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئادىل
    (ھادىل، ھەدىل، ئادىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 474 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئادالەتنى ياقلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئارسلان
    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 621 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئارمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 666 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 585 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئامان
    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئاتائۇللا
    (ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 528 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل

  • ئاتلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 587 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • ئائىشە
    (ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 653 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە

  • ئايلا
    (ئايلىخان، ئايلام، ئايلىقىز، ئايلامخان، ئايلىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 272 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاچا، ھەدە؛ ئاچا ئورنىدىكى قىز

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 575 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە
    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 556 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئايگۈل
    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 677 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئاينۇر
    (ئاينۇرەم، ئاينۇرخان، ئاينۇرقىز، ئاينۇرگۈل، ئاينىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 286 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاي نۇرىدەك گۈزەل قىز. ئەسكەرتىش: «ئاينىم» بولسا «ئايىنىم» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئادىلە
    (ئادىلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 555 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    ئادىل ئايال

  • ئادالەت
    (ئادالەتخان، ئادالەتگۈل، ئادالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 687 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    ئادىللىق، خالىسلىق؛ قانۇن. ئەسلىيسى «ئەدالەت»

  • ئالما
    (ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز، ئاممىگۈل، ئاممىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 618 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان)

  • ئانا
    (ئانىخان، ئانىقىز، ئانىقىزخان، ئانىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 516 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا «ئانا» ئۇلۇغلانغان ۋە قىز پەرزەنتكە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان