كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «قىز ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
369 قىز ئىسىملىرى بار
  • نىدا

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 630كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاۋاز چىقارماق، توۋلىماق، چاقىرماق، تەلەپ قىلماق (بۇ يەردە ئاللاغا نىدا قىلىپ، تەلەپ قىلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان پەرزەنت دېگەن مەنىدە كېلىدۇ). ئىزاھات: «نىدا» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • نۇر

    (نۇرجان، نۇرەك، نۇراق، نۇرەش، نۇرەشخان، نۇرۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 938كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    نۇردەك گۈزەل ئوغۇل، كۆزۈمنىڭ نۇرى (بۇ يەردە پەرزەنت نۇرغا ئوخشىتىلغان بولۇپ كۆپىنچە «نۇر» نى «ئوغۇل» ياكى مۇنسىپ جايدا «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ). ئىزاھات: ئۇيغۇرلار «نۇر» نى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، ياكى پەرزەنتلىرىنى نۇرغا ئوخشىتىپ، «كۆزۈمنىڭ نۇر، نۇردەك گۈزەل

  • نۇرزاد

    (نۇرزات) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 455كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    نۇر ئوغلى، نۇردىن تۆرەلگەن. ئىزاھات: «نۇرزاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • نەبرە

    (نەۋرە) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 447كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ كىشىلەر نەۋرە كۆرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاپقويغان ئىسىم بولۇپ، «نەۋرە» ئەرەبچىدە «گۈل» مەنىسىنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ. ئىزاھات: «نەبرە» نىڭ تىل تەۋەلىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بەزىلەر ئۇنى پارسچە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

  • پەرۋاز

    (پەرۋازخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 590كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇچماق. ئىزاھات: «پەرۋازخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • پەزلى

    (پەزلىخان، فەزلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 576كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئېھسان، شەپقەت، ياخشىلىق، ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلىك، ئەۋزەللىك، ئۆزگىچىلىك؛ شەرەپ، پەخىر؛ ئەجىر، تۆھپە؛ خاسىيەت. ئىزاھات: ئەسلىيسى «پەزل». «پەزلىخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ھىلال

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1155كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 3

    يېڭى چىققان ئاي

  • ھۇمايۇن

    (ھۇمايەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قۇتلۇق، بەختلىك، بەخت، مۇبارەك؛ بەخت قۇشى. ئىزاھات: «ھۇمايەم، ھۇۋەيدە» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ھەسرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 556كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەسرەت، قايغۇ