كىشى ئىسىملىرى

  • ھابىل

    (ھاۋۇل، ھاۋىل، ھەبىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 522كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئوۋچى، تور تاشلىغۇچى. ئىزاھات: «ئابىل» مۇ «ھابىل» غا ئۆزگىرىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى «ھابىل» بولسا «ئابىل» نىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس.

  • ھاتەم

    (ھاتەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 390كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رىۋايەتلەردىكى سېخىيلىقنىڭ سىمۋولى ھاتىمۇتاينىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈستىگە يۈكىلگۈچى؛ تاپشۇرغۇچى

  • ھاجىمۇھەممەد

    (ھاجىمەت، ھاجىمەمەت، ھاجىمەممەت، ھاجىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھاجى: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • ھادى

    (ھادەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 463كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) سەردار، يولباشچى، يول كۆرسەتكۈچى، (2) جىمجىت، تىنچ، مۇلايىم (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھازىر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 539كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تەييار تۇرغۇچى، تەق بولغۇچى، قاتناشقۇچى؛ مەۋجۇت، بار

  • ھاسىب

    (ھاسىپ، خاسىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 541كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ھېسابچى، (2) ئاتا جەمەت

  • ھاسىل

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 381كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) نەتىجە، ئۈنۈم، (2) ئېسىل نەسەبلىك

  • ھاشىر

    (ھاشى، ھاشىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 432كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) مەھشەر كۈنى ھەممىنى يىغقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)، (2) ئونىنچى ئوغۇل

  • ھاكى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 432كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئىپادىلىگۈچى، ھېكايىچى، رىۋايەتچى، (2) چەۋگان توپى

  • ھالاۋەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 502كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».

  • ھالالىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 421كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».

  • ھامى

    (ھامىجان، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاسرىغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلىگۈچى، يۆلەنچۈك، ھىمايىچى، ھىمايە قىلغۇچى. ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھايات

    (ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 518كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».

  • ھاياتۇللا

    (ئاياتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 393كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا بەرگەن ھايات، ئاللا بەرگەن ھاياتلىق، ئاللا بەرگەن پەرزەنت

  • ھەبىب

    (ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 435كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەپىزۇللا

    (ھەپىزۇل، ھەۋىزۇللا، ھەزىللا، ھېۋىزۇللا، ھېۋىزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 403كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا ساقلىغان كىشى

  • ھەدەس

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياشلار

  • ھەدىد

    (ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)

  • ھەدىس

    (خەدىس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 488كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يېڭى، زامانىۋى، يېڭى تىپتىكى؛ خەۋەر، سۆز، ھېكايە، گەپ-سۆز، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر، رىۋايەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى (بۇ يەردە ھەدىس ئۇلۇغلانغان)

  • ھەرىس

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللاغا ھېرىسمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەرىر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 491كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يىپەك، يىپەك مال، تاۋار

  • ھەربىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ ئەسكىرى

  • ھەزرەت

    (ھەزىرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 477كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناب، ئەزىز، ئۇلۇغ، جانابىي، ئەپەندى

  • ھەزرىتىپىر

    (ھەزىرتىپىر، ھەزتىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 365كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھۆرمەتلىك ئۇستاز

  • ھەزرىتۇللا

    (ھەزىرتۇللا، ھەزىتىللا، ھەزىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئاللانىڭ ھۆرمەتلىك كىشىسى، ئاللا ھۆرمەت ئاتا قىلغان كىشى؛ (2) «ھەزرىتى ئاللا» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرتىپ ئېيتىلىشى ياكى كىشى ئىسمى قىلىپ باشقىچە ئېيتىلىشى

  • ھەزرىتىم

    (ھەزىرتىم، ھەزتۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزىز ئوغلۇم؛ مېنىڭ ھۆرمەتلىكىم (بۇ يەردە يەنە «بىزنىڭ ئۇلۇغ پېشۋايىمىز» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • ھەسرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 556كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەسرەت، قايغۇ

  • ھەق

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».

  • ھەللاجى

    (ھىلاجى) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 374كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) چىغرىقچى، پاختا چىقارغۇچى، (2) پاختا ئاتماق، (3) ئىنچىكە تەھلىل قىلماق. ئىزاھات: «ئەلىھاجى» مۇ «ھىلاجى» غا ئۆزگىرىدۇ. «ھەللاجى» نىڭ ئەسلىيسى «ھەللاج»

  • ھەلىل

    (ھېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 376كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەر ھەمراھ