كىشى ئىسىملىرى

  • ھابىل
    (ھاۋۇل، ھاۋىل، ھەبىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 169 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئوۋچى، تور تاشلىغۇچى. ئىزاھات: «ئابىل» مۇ «ھابىل» غا ئۆزگىرىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى «ھابىل» بولسا «ئابىل» نىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس.

  • ھاتەم
    (ھاتەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 120 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رىۋايەتلەردىكى سېخىيلىقنىڭ سىمۋولى ھاتىمۇتاينىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈستىگە يۈكىلگۈچى؛ تاپشۇرغۇچى

  • ھاجى
    (ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 229 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى

  • ھاجىمۇھەممەد
    (ھاجىمەت، ھاجىمەمەت، ھاجىمەممەت، ھاجىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 121 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھاجى: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • ھادى
    (ھادەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەردار، يولباشچى، يول كۆرسەتكۈچى، (2) جىمجىت، تىنچ، مۇلايىم (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھارۇن
    (ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل

  • ھازىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 178 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەييار تۇرغۇچى، تەق بولغۇچى، قاتناشقۇچى؛ مەۋجۇت، بار

  • ھاسىب
    (ھاسىپ، خاسىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 147 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ھېسابچى، (2) ئاتا جەمەت

  • ھاسىل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 117 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) نەتىجە، ئۈنۈم، (2) ئېسىل نەسەبلىك

  • ھاشىر
    (ھاشى، ھاشىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) مەھشەر كۈنى ھەممىنى يىغقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)، (2) ئونىنچى ئوغۇل

  • ھاشىم
    (ھاشىمجان، گاشىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 165 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نان ئوشتىغۇچى، ئۇششاقلىغۇچى

  • ھاكى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 151 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىپادىلىگۈچى، ھېكايىچى، رىۋايەتچى، (2) چەۋگان توپى

  • ھاكىم
    (ھاكىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 155 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆكۈمدار

  • ھالالىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 117 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».

  • ھالاۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 199 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».

  • ھامى
    (ھامىجان، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 210 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاسرىغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلىگۈچى، يۆلەنچۈك، ھىمايىچى، ھىمايە قىلغۇچى. ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھامىد
    (ھامىت، ھامۇت، ھامۇق، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 191 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ماختىغۇچى، مەدھىيەلىگۈچى، شۈكۈر قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھايات
    (ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 213 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».

  • ھاياتۇللا
    (ئاياتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 113 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەرگەن ھايات، ئاللا بەرگەن ھاياتلىق، ئاللا بەرگەن پەرزەنت

  • ھاپىز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 163 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھىببى
    (ھىبى، ھىۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 157 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۆيۈملۈك، قەدىرلىك، ئەزىز

  • ھىجاز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 126 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئاتىلىشى

  • ھىجرى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 145 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاي ئىسمى؛ «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

  • ھىجرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆچمەك (بۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان)

  • ھىدايىتۇللا
    (ھىدايىتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 118 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ توغرا يولى، ئاللانىڭ كۆرسەتكەن يولى. ئەسلىيسى «ھىدايەتۇللا».

  • ھىدايەت
    (ھىدايە، ھىدايى، ھىدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 214 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    توغرا يول، توغرا يولغا يېتەكلىمەك؛ توغرا يول تاپماق

  • ھىزبۇللا
    (ھىزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 169 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا تەرەپتە تۇرغۇچى، ئاللانىڭ جەڭچىلىرى، ئاللا پارتىيەسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھىسار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 105 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قورغان، قەلئە، قورشاۋ، ئىھاتە

  • ھىكمەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 249 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىلىم-ھېكمەت، ھېكمەتلىك سۆز؛ مۆجىزە؛ ئەقىل، پەلسەپە

  • ھىلال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 3 ياقتۇرۇش

    يېڭى چىققان ئاي