كىشى ئىسىملىرى

  • ھەرىس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 362 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا ھېرىسمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەمزۇللا
    (ھەمزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئۆتكۈرلۈكنى بەرگەن كىشى

  • ھالالىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 366 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».

  • ھەنىپ
    (ھېنىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 368 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توغرا، ھەق؛ پاك

  • ھارۇن
    (ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 377 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل

  • ھەمىم
    (ھەمىجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 377 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوست، سەپداش، ئامرىقى، يېقىنى

  • ھەبىب
    (ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 379 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھاكى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىپادىلىگۈچى، ھېكايىچى، رىۋايەتچى، (2) چەۋگان توپى

  • ھەسەن
    (ھەسەنجان، ھەسۇنق، ھەسەك، خەسەن، ھاسان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھۈسەيىن» (ھۈسەن) قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھا

  • ھاشىر
    (ھاشى، ھاشىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 383 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) مەھشەر كۈنى ھەممىنى يىغقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)، (2) ئونىنچى ئوغۇل

  • ھىجرى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاي ئىسمى؛ «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

  • ھەكىم
    (ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 387 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ھۆرۇللا
    (ھۆرىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 397 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ ئەركىن كىشىسى

  • ھەق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 398 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».

  • ھەمدەم
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 406 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەمنەپەس، سىرداش دوست

  • ھەزىم
    (ھەزىمجان، ھېزىم، ھېزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ئوتۇن، ئوتۇنچى، (2) ئىرادىلىك، قەتئىي، كەسكىن، (3) گۈلدۈرماما، (4) ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش. ئىزاھات: «ئەزىم» مۇ «ھەزىم» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ھادى
    (ھادەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەردار، يولباشچى، يول كۆرسەتكۈچى، (2) جىمجىت، تىنچ، مۇلايىم (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەزرەت
    (ھەزىرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناب، ئەزىز، ئۇلۇغ، جانابىي، ئەپەندى

  • ھىزبۇللا
    (ھىزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا تەرەپتە تۇرغۇچى، ئاللانىڭ جەڭچىلىرى، ئاللا پارتىيەسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەمكار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 419 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىللە ئىشلىگۈچى، ئىشداش

  • ھاكىم
    (ھاكىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 420 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆكۈمدار

  • ھەرىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 426 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يىپەك، يىپەك مال، تاۋار

  • ھاپىز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەدىس
    (خەدىس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يېڭى، زامانىۋى، يېڭى تىپتىكى؛ خەۋەر، سۆز، ھېكايە، گەپ-سۆز، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر، رىۋايەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى (بۇ يەردە ھەدىس ئۇلۇغلانغان)

  • ھەبىبۇللا
    (ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 455 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  • ھالاۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 457 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».

  • ھۇمايۇن
    (ھۇمايەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 463 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قۇتلۇق، بەختلىك، بەخت، مۇبارەك؛ بەخت قۇشى. ئىزاھات: «ھۇمايەم، ھۇۋەيدە» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ھىببى
    (ھىبى، ھىۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 463 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۆيۈملۈك، قەدىرلىك، ئەزىز

  • ھاجى
    (ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 465 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    (1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى

  • ھايات
    (ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 465 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».