كىشى ئىسىملىرى

  • ھەزرىتۇللا
    (ھەزىرتۇللا، ھەزىتىللا، ھەزىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 305 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئاللانىڭ ھۆرمەتلىك كىشىسى، ئاللا ھۆرمەت ئاتا قىلغان كىشى؛ (2) «ھەزرىتى ئاللا» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرتىپ ئېيتىلىشى ياكى كىشى ئىسمى قىلىپ باشقىچە ئېيتىلىشى

  • ھۇنئەر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 314 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۇن نەسلىدىن بولغان باتۇر ئەر

  • ھۇشيار
    (ھوشيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 317 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، زېھنى ئۆتكۈر، چېچەن، زېرەك. ئەسلىيسى «ئۇشيار».

  • ھەزرىتىپىر
    (ھەزىرتىپىر، ھەزتىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 318 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك ئۇستاز

  • ھەنىپۇللا
    (ھېنىپۇللا، ھېنىپۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 318 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ توغرا قاراشتىكى، پاك كىشىسى

  • ھۇنئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 321 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۇن باتۇرى

  • ھەمىدۇللا
    (ھەمدۇل، ھەمدۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 322 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا مەدھىيە ئوقۇغۇچى، ئاللانى ماختىغۇچى

  • ھەلىل
    (ھېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 325 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەر ھەمراھ

  • ھەزرىتىم
    (ھەزىرتىم، ھەزتۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 327 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزىز ئوغلۇم؛ مېنىڭ ھۆرمەتلىكىم (بۇ يەردە يەنە «بىزنىڭ ئۇلۇغ پېشۋايىمىز» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • ھەللاجى
    (ھىلاجى) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 327 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) چىغرىقچى، پاختا چىقارغۇچى، (2) پاختا ئاتماق، (3) ئىنچىكە تەھلىل قىلماق. ئىزاھات: «ئەلىھاجى» مۇ «ھىلاجى» غا ئۆزگىرىدۇ. «ھەللاجى» نىڭ ئەسلىيسى «ھەللاج»

  • ھەمىد
    (خەمىت، ئىمىت، يىمىت، ھېمىت، ھىمىت، ئىمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 328 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ماختاشقا لايىق، ئاقىۋىتى ياخشى، سالامەت

  • ھىسار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 332 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قورغان، قەلئە، قورشاۋ، ئىھاتە

  • ھىدايىتۇللا
    (ھىدايىتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 333 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ توغرا يولى، ئاللانىڭ كۆرسەتكەن يولى. ئەسلىيسى «ھىدايەتۇللا».

  • ھەمدۇللا
    (ھەمدۇل، ئەمدۇللا، ئەمدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 334 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاللانى مەدھىيەلىمەك. ئىزاھات: «ھەمىدۇللا» مۇ «ھەمدۇللا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەيبۇللا
    (ھەيبۇل، ھەيۋۇل، ھەيۋۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 336 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ كارامىتى، ئاللانىڭ ھەيۋىتى

  • ھۇسامىدىن
    (ھىسامىدىن، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 336 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «ھۇسامىددىن».

  • ھاسىل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 340 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) نەتىجە، ئۈنۈم، (2) ئېسىل نەسەبلىك

  • ھاتەم
    (ھاتەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 344 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رىۋايەتلەردىكى سېخىيلىقنىڭ سىمۋولى ھاتىمۇتاينىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈستىگە يۈكىلگۈچى؛ تاپشۇرغۇچى

  • ھەزرىتىئەلى
    (ھەزىرتېلى، ھەزتېلى، ھىزتىلى، ھەزتىلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 345 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ھەزرىتى ئەلىدەك ئوغۇل (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى ئۇلۇغلانغان)

  • ھاياتۇللا
    (ئاياتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەرگەن ھايات، ئاللا بەرگەن ھاياتلىق، ئاللا بەرگەن پەرزەنت

  • ھەمزە
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) كەسكىن، ئۆتكۈر؛ (2) ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرپ (ئەلىپنىڭ «ٴ» بەلگىسى قويۇلغاندىن كېيىنكى ئاتىلىشى)

  • ھەلىم
    (ھېلىم، ھېلىمجان، ھېلەك، ھەلەك، ھىلەك، خالىم، خەلىم، خەلىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 351 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) ياۋاش، تاقەتلىك، كەڭ قورساق، مۇلايىم، (2) ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • ھەدەس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 353 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياشلار

  • ھاجىمۇھەممەد
    (ھاجىمەت، ھاجىمەمەت، ھاجىمەممەت، ھاجىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 354 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھاجى: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • ھىجاز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئاتىلىشى

  • ھەپىزۇللا
    (ھەپىزۇل، ھەۋىزۇللا، ھەزىللا، ھېۋىزۇللا، ھېۋىزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 356 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ساقلىغان كىشى

  • ھەربىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 356 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئەسكىرى

  • ھەدىد
    (ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 358 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)

  • ھۇسام
    (ھېسام، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 358 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىتتىك، ئۆتكۈر قىلىچ

  • ھۇزۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 359 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) كەلمەك، ھازىر بولماق، (2) ھۇزۇرلىنىش