كىشى ئىسىملىرى

  • پەخرى
    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 552 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • پازىل
    (فازىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 396 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) پەزىلەتلىك، تالانتلىق، بىلىملىك؛ (2) مەڭگۈلۈك؛ (3) تۆھپىسى بار، ئەجرى بار؛ (4) ئالاھىدىلىكى بار، مەشھۇر، داڭلىق

  • پولات
    (پولاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («پولاتتەك مۇستەھكەم، چىڭ» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • پىدا
    (پىداجان، فەدا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 391 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تەقدىم قىلماق؛ بېغىشلىماق، ئۆزىنى ئاتىماق

  • پىدائەھمەد
    (پىداخمەت، پىداقمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    پىدا: ئىسمى، ئەھمەد: سۈپىتى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە «مۇھەممەد ئۈچۈن، مۇھەممەدنىڭ يولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغۇچى» دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ)

  • پەرھاد
    (پەرھات، پەرخات، پەرەھەت، پەرەخەت، فەرھات، فەرھاد) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 600 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىم ئايرىم-ئايرىم مەنە بىلدۈرىدىغان بەش ھەرپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا «فرھاد» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى «ف» پىراقنى، «ر» رەشىكنى، «ھ» ھىجراننى، «ا» ئاھنى، «د» دەردنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما كىشىلەر بۇ ئىسىمنى نەۋايىنىڭ «پەرھاد-شېرىن» داستانىدىكى باتۇر ئوبراز

  • پەھلىۋان
    (پەلىۋان، پالىۋان، پالۋان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 426 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    باتۇر، يۈرەكلىك؛ دارۋاز، سېركچى

  • پەرۋىن
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 1046 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئۈكەر يۇلتۇز

  • پەھمى
    (پەخمى، فەھمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 386 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، زېرەك

  • پەۋزى
    (پاۋزۇ، فەۋزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇتۇق قازانغۇچى؛ ئۇتۇق

  • پەيسەل
    (پايسال، فەيسال، فايسال) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئادىل سوتچى، كېسىم چىقارغۇچى؛ گۇۋاھچى

  • پەيزى
    (فەيزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 459 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئېسىل، ئالىيجاناب؛ بەرىكەت، ئىنئام، ياخشىلىق؛ مول، جىق

  • پەزلى
    (پەزلىخان، فەزلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 509 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئېھسان، شەپقەت، ياخشىلىق، ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلىك، ئەۋزەللىك، ئۆزگىچىلىك؛ شەرەپ، پەخىر؛ ئەجىر، تۆھپە؛ خاسىيەت. ئىزاھات: ئەسلىيسى «پەزل». «پەزلىخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • پەزلۇللا
    (پەيزۇللا، پەيزۇل، پەزۇل، فەزلۇللا، فەيزۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 429 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ پەزلى (شەپقىتى)

  • پەرۋاز
    (پەرۋازخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 531 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇچماق. ئىزاھات: «پەرۋازخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • پەرھان
    (پەرخان، فەرھان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 389 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خۇشال، خۇش، شاد

  • پەرھىدىن
    (پەرىدىن، فەرھىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 409 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ خۇشلۇقى

  • پەرھىز
    (پەرىز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 487 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ساقلانماق

  • پەرۋەر
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 490 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۆيگۈچى، قوغدىغۇچى

  • پەرۋىش
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاسرىماق، تەربىيەلىمەك

  • پەررۇھ
    (پەررۇخ، پەرۇخ، پەرۇق، فەررۇھ، فەرۇھ) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 380 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: گۈزەل، مۇبارەك، قۇتلۇق، بەختىيار

  • پەرز
    (فەرز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 508 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەقدىر-پىشانە؛ تاپشۇرۇق، مەجبۇرىيەت

  • پەرد
    (پەرت، پەرىد، فەرد، فەرىد، فەرت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) يېگانە، يالغۇز؛ تەڭداشسىز، (2) ئۈنچە-مارجان، گۆھەر، ئالماس. ئىزاھات: «پەرد» بولسا «پەرىد» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

  • پەخرىدىن
    (پەخىردىن، پەقىردىن، پەھرىدىن، فەھرىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئىپتىخارى

  • پەتىھ
    (پەتى، پەتىخ، فەتىھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غەلىبە، نۇسرەت؛ ئىشغال قىلماق

  • پەجرى
    (فەجرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 462 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاڭ، تاڭ سەھەر، تاڭ ئاتماق

  • پەجرىدىن
    (پەجىردىن، فەجىردىن، فەجرىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 338 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ تېڭى

  • پەتھۇللا
    (پەتتۇللا، پەتۇللا، پەتۇل، پەتخۇللا، پەتيۇللا، پەتقۇللا، پەتقۇللام، فەتھۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ ياردىمى، ئاللانىڭ نۇسرىتى

  • پەتتاھ
    (پەتتار، فەتتاھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 573 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دائىم يەڭگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • پانار
    (پەنەر، پىنار، فەنەر) تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 436 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىراغ، مەشئەل. ئەسلىيسى «پەنار».