كىشى ئىسىملىرى
-
ياسىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 428
، ياقتۇرغانلار: 14
(1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى
-
يولبارس
(يولۋاس، يولۋاسجان، يولۋاسخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 458
، ياقتۇرغانلار: 14
ھايۋان ئىسمى (بۇ يەردە ئوغۇل پەرزەنتنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش باتۇر، يۈرەكلىك چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان). ئىزاھات: «يولۋاسخان» پەقەت ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.
-
يۈسۈپ
(يۈسۈپجان) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 440
، ياقتۇرغانلار: 14
يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: كۆپەيتىلگەن. ئەسلىيسى «يۇسۇپ» (ئىئوسىپ).
-
ياقۇب
(ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 400
، ياقتۇرغانلار: 13
ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».
-
يالقۇن
(يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 444
، ياقتۇرغانلار: 13
ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ
-
يار
(يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 418
، ياقتۇرغانلار: 12
دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا
-
يارمۇھەممەد
(يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە
كۆرۈلۈشى: 379
، ياقتۇرغانلار: 12
مۇھەممەدنىڭ دوستى
-
يۇنۇس
(يونۇس، يۈنۈس، يونۇسجان) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 367
، ياقتۇرغانلار: 12
يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈلپەت. ئەسلىيسى «يۇۋانىس».
-
يارئەلى
تىل تەۋەلىكى: پ ئە
كۆرۈلۈشى: 383
، ياقتۇرغانلار: 9
ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)
-
يەھيا
(يەكيا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 407
، ياقتۇرغانلار: 8
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: تىرىكچىلىك؛ ياشىماق، ياشىسۇن
-
يادىكار
(يادىگار) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 450
، ياقتۇرغانلار: 7
ئەستىلىك، ئەسلىمە، خاتىرە، بېغىشلىما، تەقدىم قىلىنغان نەرسە
-
ياشار
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 429
، ياقتۇرغانلار: 2
ياشايدۇ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ (بۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)
-
ياپچان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 488
، ياقتۇرغانلار: 0
جاي ئىسمى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)
-
ياران
(يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 392
، ياقتۇرغانلار: 0
دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر
-
ياربەختى
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 377
، ياقتۇرغانلار: 0
بەختى بىللە، بەختلىك، بەخت يار بولغاي
-
يارقىن
(ياقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 352
، ياقتۇرغانلار: 0
يورۇق، ئېنىق، ئوچۇق، روشەن، چاقناپ تۇرىدىغان
-
يارىيار
(يارىيا) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 365
، ياقتۇرغانلار: 0
«يار-يار» دەپ ناخشا ئېيتماق
-
ياسىر
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 374
، ياقتۇرغانلار: 0
ئوڭايلىق
-
ياشئالىپ
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 372
، ياقتۇرغانلار: 0
ياش باتۇر
-
ياشات
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 450
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۆمۈر بەرگىن، ياخشى كۈن كۆرسەتكىن (بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ئاللادىن ئۆمۈر تىلەش ئېڭى ئىپادىلىنىدۇ)
-
ياشاتقان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللا ئۆمۈر بەرگەن كىشى
-
ياشتېكىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 402
، ياقتۇرغانلار: 0
ياش شاھزادە
-
ياشنات
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 365
، ياقتۇرغانلار: 0
گۈللەندۈرگىن؛ بەختلىك قىلغىن
-
ياشنار
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 390
، ياقتۇرغانلار: 0
گۈللەپ ياشنايدۇ؛ شاد-خۇرام ياشايدۇ
-
ياقۇببەگ
(ياقۇپبەگ) تىل تەۋەلىكى: ئى ئۇ
كۆرۈلۈشى: 419
، ياقتۇرغانلار: 0
ياقۇب: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى. ئەسلىيسى «يەئقۇببەگ».
-
ياقۇتجان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 454
، ياقتۇرغانلار: 0
ياقۇتتەك قىممەتلىك، ئەتىۋار ئوغۇل
-
يامغۇر
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 475
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئىسىمدا يامغۇر ئۇلۇغلانغان؛ ئاللانىڭ مېھرى-شەپقىتى يامغۇرغا ئوخشىتىلغان. ئەسلىيسى «يەغمۇر».
-
يانتاق
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 446
، ياقتۇرغانلار: 0
ياۋا ئۆسۈملۈك ئىسمى
-
يانماس
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 459
، ياقتۇرغانلار: 0
ئارقىغا قايتماس، ئىزىدىن چېكىنمەس
-
يەتىم
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 415
، ياقتۇرغانلار: 0
بىردىنبىر، تاق، يىگانە، يالغۇز؛ تەڭدىشى يوق، تەڭداشسىز، مىسلىسىز، ئوخشىشى يوق (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)