كىشى ئىسىملىرى

  • يەمىنۇللا
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئىشىنى ئوڭ قىلغۇچى

  • يەمىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 368 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوڭ، ئوڭ تەرەپ، ئوڭ قول

  • يېڭىلىق
    (يېڭىلىقجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 391 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ يەردە بىر يېڭى پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى، ئۇ ئاتا-ئانىلارنى خۇددى شۇ ئائىلىدە يېڭىلىق بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

  • يارقىن
    (ياقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 392 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يورۇق، ئېنىق، ئوچۇق، روشەن، چاقناپ تۇرىدىغان

  • يولبارستېكىن
    (يولۋاستېكىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 393 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولۋاستەك باتۇر شاھزادە

  • يارىيار
    (يارىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 398 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «يار-يار» دەپ ناخشا ئېيتماق

  • يارئەلى
    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 406 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • يارمۇھەممەد
    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • ياسىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوڭايلىق

  • ياشنات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    گۈللەندۈرگىن؛ بەختلىك قىلغىن

  • ياشنار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 420 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    گۈللەپ ياشنايدۇ؛ شاد-خۇرام ياشايدۇ

  • يۇنۇس
    (يونۇس، يۈنۈس، يونۇسجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 420 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈلپەت. ئەسلىيسى «يۇۋانىس».

  • ياشئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 421 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياش باتۇر

  • يەكدىل
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 424 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر نىيەت

  • يۈكسەك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 426 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۈستۈن، ئىگىز، يۇقىرى، ئالىي

  • ياران
    (يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 429 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر

  • ياقۇب
    (ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».

  • يۈكسەل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 433 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يۇقىرى ئۆرلە، نەتىجە قازان؛ ئۈستۈن مەرتىۋىلىك بول

  • يولداش
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولى بىر، بىر يولدا ماڭغۇچى، ھەمراھ بولغۇچى

  • يەھيا
    (يەكيا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 438 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 8 ياقتۇرۇش

    يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: تىرىكچىلىك؛ ياشىماق، ياشىسۇن

  • ياربەختى
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 439 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختى بىللە، بەختلىك، بەخت يار بولغاي

  • ياقۇببەگ
    (ياقۇپبەگ) تىل تەۋەلىكى: ئى ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياقۇب: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى. ئەسلىيسى «يەئقۇببەگ».

  • ياشاتقان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئۆمۈر بەرگەن كىشى

  • يار
    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 451 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • ياشتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 452 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياش شاھزادە

  • يەتىم
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 455 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىردىنبىر، تاق، يىگانە، يالغۇز؛ تەڭدىشى يوق، تەڭداشسىز، مىسلىسىز، ئوخشىشى يوق (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • يۈسۈپ
    (يۈسۈپجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 475 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: كۆپەيتىلگەن. ئەسلىيسى «يۇسۇپ» (ئىئوسىپ).

  • يىلتىز
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 477 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەگ، ئەسلىي؛ دەرەخنىڭ يىلتىزى، ئائىلىنىڭ يىلتىزى

  • ياسىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 481 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • يالقۇن
    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 483 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ