كىشى ئىسىملىرى

  • ياشاتقان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 490كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا ئۆمۈر بەرگەن كىشى

  • ياشات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 540كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆمۈر بەرگىن، ياخشى كۈن كۆرسەتكىن (بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ئاللادىن ئۆمۈر تىلەش ئېڭى ئىپادىلىنىدۇ)

  • ياشئالىپ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 465كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياش باتۇر

  • ياسىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • ياسىر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوڭايلىق

  • يارىيار

    (يارىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    «يار-يار» دەپ ناخشا ئېيتماق

  • يارمۇھەممەد

    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يارقىن

    (ياقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 421كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يورۇق، ئېنىق، ئوچۇق، روشەن، چاقناپ تۇرىدىغان

  • ياربەختى

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەختى بىللە، بەختلىك، بەخت يار بولغاي

  • ياران

    (يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر

  • يارئەلى

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • يار

    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يادىكار

    (يادىگار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    ئەستىلىك، ئەسلىمە، خاتىرە، بېغىشلىما، تەقدىم قىلىنغان نەرسە