كىشى ئىسىملىرى

  • يىمىش

    (يىمىشجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 552كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قۇرۇق ئۈزۈم؛ مېۋە

  • ياشار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 510كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    ياشايدۇ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ (بۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • يادىكار

    (يادىگار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    ئەستىلىك، ئەسلىمە، خاتىرە، بېغىشلىما، تەقدىم قىلىنغان نەرسە

  • يەھيا

    (يەكيا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 465كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 8

    يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: تىرىكچىلىك؛ ياشىماق، ياشىسۇن

  • يارئەلى

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • يار

    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يارمۇھەممەد

    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يۇنۇس

    (يونۇس، يۈنۈس، يونۇسجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 446كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈلپەت. ئەسلىيسى «يۇۋانىس».

  • ياقۇب

    (ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 454كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».

  • يالقۇن

    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

  • ياسىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • يولبارس

    (يولۋاس، يولۋاسجان، يولۋاسخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ھايۋان ئىسمى (بۇ يەردە ئوغۇل پەرزەنتنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش باتۇر، يۈرەكلىك چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان). ئىزاھات: «يولۋاسخان» پەقەت ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • يۈسۈپ

    (يۈسۈپجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 495كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: كۆپەيتىلگەن. ئەسلىيسى «يۇسۇپ» (ئىئوسىپ).