كىشى ئىسىملىرى

  • يادىكار
    (يادىگار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەستىلىك، ئەسلىمە، خاتىرە، بېغىشلىما، تەقدىم قىلىنغان نەرسە

  • يار
    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 137 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يارئەلى
    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 130 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • ياران
    (يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر

  • ياربەختى
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 119 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختى بىللە، بەختلىك، بەخت يار بولغاي

  • يارقىن
    (ياقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 109 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يورۇق، ئېنىق، ئوچۇق، روشەن، چاقناپ تۇرىدىغان

  • يارمۇھەممەد
    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 135 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يارىيار
    (يارىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 121 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «يار-يار» دەپ ناخشا ئېيتماق

  • ياسىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 143 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوڭايلىق

  • ياسىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 161 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • ياشئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 111 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياش باتۇر

  • ياشات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 196 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆمۈر بەرگىن، ياخشى كۈن كۆرسەتكىن (بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ئاللادىن ئۆمۈر تىلەش ئېڭى ئىپادىلىنىدۇ)

  • ياشاتقان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 109 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئۆمۈر بەرگەن كىشى

  • ياشار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 184 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    ياشايدۇ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ (بۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • ياشتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 112 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياش شاھزادە

  • ياشنات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 106 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    گۈللەندۈرگىن؛ بەختلىك قىلغىن

  • ياشنار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    گۈللەپ ياشنايدۇ؛ شاد-خۇرام ياشايدۇ

  • ياقۇب
    (ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 125 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».

  • ياقۇببەگ
    (ياقۇپبەگ) تىل تەۋەلىكى: ئى ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 159 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياقۇب: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى. ئەسلىيسى «يەئقۇببەگ».

  • ياقۇتجان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 158 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياقۇتتەك قىممەتلىك، ئەتىۋار ئوغۇل

  • يالقۇن
    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 181 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

  • يامغۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 190 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا يامغۇر ئۇلۇغلانغان؛ ئاللانىڭ مېھرى-شەپقىتى يامغۇرغا ئوخشىتىلغان. ئەسلىيسى «يەغمۇر».

  • يانتاق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 163 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياۋا ئۆسۈملۈك ئىسمى

  • يانماس
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 168 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئارقىغا قايتماس، ئىزىدىن چېكىنمەس

  • ياپچان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاي ئىسمى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)

  • يولبارس
    (يولۋاس، يولۋاسجان، يولۋاسخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 178 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھايۋان ئىسمى (بۇ يەردە ئوغۇل پەرزەنتنىڭ يولۋاسقا ئوخشاش باتۇر، يۈرەكلىك چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان). ئىزاھات: «يولۋاسخان» پەقەت ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • يولبارستېكىن
    (يولۋاستېكىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 124 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولۋاستەك باتۇر شاھزادە

  • يولداش
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولى بىر، بىر يولدا ماڭغۇچى، ھەمراھ بولغۇچى

  • يوللۇغتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 191 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولى بار شاھزادە

  • يىلتىز
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 177 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەگ، ئەسلىي؛ دەرەخنىڭ يىلتىزى، ئائىلىنىڭ يىلتىزى