كىشى ئىسىملىرى

  • نۇشىرۋان
    (نۇشۇربان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 109 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ئىراننىڭ ئادالەتپەرۋەر شاھلىرىدىن بىرى

  • نۇھ
    (نوھ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: قايغۇ، يىغا، ئازاب

  • نۇئمان
    (نامان، ناماق، ناما، ناماخۇن، نۇئىمان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىمام ئەزەمنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى (1) باياشات، (2) قان

  • نىدا
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 298 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاۋاز چىقارماق، توۋلىماق، چاقىرماق، تەلەپ قىلماق (بۇ يەردە ئاللاغا نىدا قىلىپ، تەلەپ قىلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان پەرزەنت دېگەن مەنىدە كېلىدۇ). ئىزاھات: «نىدا» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • نىزام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 149 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەرتىپ، تۈزۈم، سىستېما، ئۇسۇل، پىرىنسىپ

  • نىزاممۇھەممەد
    (نىزامەت، نىزەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 111 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نىزام: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى (مۇھەممەدنىڭ تەرتىپ-تۈزۈملىرى)

  • نىزامۇلمۇلۇك
    (نىزامۇلمۈلىك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 107 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەممىگە ھۆكۈمران پادىشاھنىڭ تەرتىپ-تۈزۈملىرى (ئاللانىڭ تەرتىپ-تۈزۈملىرى)

  • نىزامىدىن
    (نىزاق، نىزامۇق، نىزەمۇق، نىزۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 158 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى

  • نىمشەھىد
    (نىمشېھىت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 161 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يېرىم شەھىد (نىمشېھىت ئارمىيە ئەلى داموللىنىڭ تەخەللۇسى)

  • نىھال
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 101 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مايسا، نوتا؛ ياش، يۇمران نوتا؛ پاك، يېڭى

  • نىئمەت
    (نېمەت، نىمەت، نېغمەت، نىغمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىلتىپات، مەرھەمەت، ياخشىلىق، نېمەت، ساخاۋەت

  • نىئمىتۇللا
    (نېمىتۇللا، نىمتۇللا، نىمتۇل، نىغمىتۇللا، نەمتۇل، نەمتۇللا، نەمىتۇللا، نىمىتۇل، نەمىتەم، نەمتەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 109 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شاھ (ئاللا) نىڭ ئىلتىپاتى. ئەسلىيسى «نىئمەتۇللا».

  • نىياز
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    موھتاج، ھاجەت، ھاجەتمەن، ئېھتىياج، قۇل، بەندە، چاكار؛ تىلەش؛ تۆھپە، ئاللاغا ئاتالغان سەدىقە؛ بەخشەندە قىلىنغان نەرسە؛ قۇللۇق بىلدۈرمەك، يالۋۇرماق، قۇللۇق قىلماق، ئۆتۈنمەك، ئۈمىد قىلماق