كىشى ئىسىملىرى

  • سۇبات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 621 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق

  • سەئىد
    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • سەردار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 470 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • ساۋۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سابىت
    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 387 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سابىر
    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 370 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»

  • سادىر
    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • سادىق
    (سادۇق) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 354 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    راستچىل، ھەقىقىي، سەمىمىي (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سالام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 406 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سەپەر
    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەمەد
    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سەييىد
    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 386 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سۇلتان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سېتىۋالدى
    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 380 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • سەلىم
    (سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ساغلام، ساق-سالامەت

  • سەئدۇللا
    (سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • سەيپۇللا
    (سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سۇلەيمان
    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 335 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • سالاھىدىن
    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 560 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • سەبرى
    (سەۋر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 361 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    سەۋر قىلماق

  • سەيپىدىن
    (سەپىدىن، سەيپى) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 347 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «سەيپىددىن».

  • سۈپۈرگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 427 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)

  • سۇرئەت
    (سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 350 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    تېزلىك، چاققانلىق

  • سىراجىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ چىرىغى

  • ساتتار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»

  • سەدىرىدىن
    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 399 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».

  • سەزگۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 338 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سۈرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سۈزۈك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 370 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    پاك، پارقىراق

  • سابىق
    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 361 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)