كىشى ئىسىملىرى
-
سۇبات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 621
، ياقتۇرغانلار: 15
(1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق
-
سىھھەت
(سەھەت، سىخەت، سىھەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 348
، ياقتۇرغانلار: 0
توغرا، ھەقىقىي، ساغلام، ساق، راست. «سەئەد» مۇ «سەھەت» كە ئۆزگىرىدۇ.
-
سىنان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 405
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.
-
سىراجىدىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 441
، ياقتۇرغانلار: 7
دىننىڭ چىرىغى
-
سىراج
(سىراش، سىراق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 313
، ياقتۇرغانلار: 0
چىراغ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سىرات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 647
، ياقتۇرغانلار: 0
يول، چوڭ يول
-
سىددىقۇللا
(سىدىقۇللا، سىدىقۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 328
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللانىڭ سادىق دوستى، ئاللانىڭ چىن، راست كىشىسى
-
سىددىق
(سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 400
، ياقتۇرغانلار: 0
سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي
-
ساۋۇت
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 447
، ياقتۇرغانلار: 13
(1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس
-
ساھىب
(ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 417
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ساھابە
(ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 428
، ياقتۇرغانلار: 0
دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»
-
سايران
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 396
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
-
سايرام
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 426
، ياقتۇرغانلار: 0
«تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
-
سالىھ
(سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي
-
سالاھىدىن
(سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 560
، ياقتۇرغانلار: 9
دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.
-
سالام
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 406
، ياقتۇرغانلار: 12
(1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».
-
سادىق
(سادۇق) تىل تەۋەلىكى:
كۆرۈلۈشى: 354
، ياقتۇرغانلار: 12
راستچىل، ھەقىقىي، سەمىمىي (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سادىر
(سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 416
، ياقتۇرغانلار: 12
ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.
-
سادات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 332
، ياقتۇرغانلار: 0
غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى
-
ساتتار
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 1
ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»
-
سابىق
(ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 361
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سابىر
(سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 370
، ياقتۇرغانلار: 12
سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»
-
سابىت
(ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 387
، ياقتۇرغانلار: 12
مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس