كىشى ئىسىملىرى
-
سۈرەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 440
، ياقتۇرغانلار: 1
ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».
-
سالىھ
(سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 443
، ياقتۇرغانلار: 0
سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي
-
سادىر
(سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 445
، ياقتۇرغانلار: 12
ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.
-
سەپەر
(سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 450
، ياقتۇرغانلار: 12
(1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
-
ساھىب
(ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 451
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ساھابە
(ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 456
، ياقتۇرغانلار: 0
دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»
-
سالام
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 457
، ياقتۇرغانلار: 12
(1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».
-
سۈپۈرگە
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 457
، ياقتۇرغانلار: 9
بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)
-
ساتتار
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 466
، ياقتۇرغانلار: 1
ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»
-
سايرام
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 466
، ياقتۇرغانلار: 0
«تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
-
سەئدۇللا
(سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 473
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى
-
سۇلتان
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 475
، ياقتۇرغانلار: 12
سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان
-
ساۋۇت
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 477
، ياقتۇرغانلار: 13
(1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس
-
سەيپۇللا
(سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 478
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سىراجىدىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 478
، ياقتۇرغانلار: 7
دىننىڭ چىرىغى
-
سەلكىن
(سالقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 484
، ياقتۇرغانلار: 0
سالقىن، يېقىشلىق، راھەتلىك، سۆرۈن شامال؛ سالقىنداش، راھەتلىنىش
-
سەئىد
(سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 493
، ياقتۇرغانلار: 14
بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق
-
سەردار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 498
، ياقتۇرغانلار: 13
قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى
-
سەلىم
(سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 508
، ياقتۇرغانلار: 10
ساغلام، ساق-سالامەت
-
سالاھىدىن
(سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 593
، ياقتۇرغانلار: 9
دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.
-
سۇبات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 680
، ياقتۇرغانلار: 15
(1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق
-
سىرات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 681
، ياقتۇرغانلار: 0
يول، چوڭ يول
-
سەرۋەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 953
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) بايلىق (تەبئىي بايلىق)، (2) بىر تۈپ سەرۋى دەرىخى