كىشى ئىسىملىرى

  • سەرۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بايلىق (تەبئىي بايلىق)، (2) بىر تۈپ سەرۋى دەرىخى

  • سىرات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 318 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يول، چوڭ يول

  • سەئدۇللا
    (سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 206 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • سەلكىن
    (سالقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 203 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالقىن، يېقىشلىق، راھەتلىك، سۆرۈن شامال؛ سالقىنداش، راھەتلىنىش

  • سۇبات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 202 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق

  • سەردار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • ساۋۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • ساتتار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 188 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»

  • سەلىم
    (سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 187 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ساغلام، ساق-سالامەت

  • سەيپۇللا
    (سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 187 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سەپەر
    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 180 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەئىد
    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • سۈپۈرگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 178 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)

  • ساھابە
    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • سايران
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 167 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

  • سايرام
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 166 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  • سالاھىدىن
    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 164 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • سەييىد
    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 164 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سەئىدىن
    (سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • سىراجىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 161 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ چىرىغى

  • سالىھ
    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 159 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • سەبىر
    (سەۋىر، سىبىر، سىپىر، سىۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 158 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق.

  • سۈرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 157 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سەھەر
    (سەھەرجان، سەخەرجان، سەخەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەتىگەن، تاڭ مەزگىلى، تاڭ

  • سىنان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.

  • ساھىب
    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 154 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سىددىق
    (سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 153 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي

  • سابىت
    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سالام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سېتىۋالدى
    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 150 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.